شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«جۇڭگونىڭ قاتناش ساھەسىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانا» تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى شىنجاڭدىن ئالتە كارخانا تىزىملىككە كىردى
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-06 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

  5-ئاينىڭ 31-كۈنى، «جۇڭگو قاتناش تىرانسپورتى» يىللىق دوكلاتىنى تۈزۈش كومىتېتى جۇڭگو قاتناش ئاقىللار ئامبىرى ئاممىۋى سۇپىسى بىلەن بىرلىكتە، «جۇڭگونىڭ قاتناش ساھەسىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانا» تىزىملىكىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىن ئالتە كارخانا تىزىملىككە كىردى، شىنجاڭ بېيشىن يول-كۆۋرۈك گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى بىردىنبىر بىڭتۇەن كارخانىسى ھېسابلىنىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك (1-دەرىجىلىك) تاشيول قاتناش مۇساپىسى 11 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، يېقىنقى بەش يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك (1-دەرىجىلىك ) تاشيول 5000 كىلومېتىرغا يەتتى.

  2022-يىلى، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن يىلدا تاماملىغان قاتناش سېلىنمىسى 74 مىليارد 867 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئاشتى. 2023-يىلى، شىنجاڭ تاشيول قاتناش قۇرۇلۇشىغا 83 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاپ، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش-چىقىشنى تېزلىتىش، جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭنى راۋانلاشتۇرۇش، چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تۇتاشتۇرۇش»نى تېز ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش پىلانلاندى.

بوشلۇقتىن تارتىلغان S21 ئالتاي-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(ماتېرىيال سۈرىتى).

   ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى قاراردىكى تىزىملىكتە 2021-يىلىدىكى كارخانىلارنىڭ تىجارەت كىرىمى سانلىق مەلۇماتى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، تىجارەت كىرىمى ئۆلچىمى تەخمىنەن 3 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئىكەن.

  تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، «جۇڭگونىڭ قاتناش ساھەسىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانا» ئىچىدە، تىجارەت كىرىمى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدىغان كارخانىدىن ئۈچى، تىجارەت كىرىمى 100 مىليارد يۈەندىن 1 تىرىليون يۈەنگىچە بولغان كارخانىدىن 41ى، تىجارەت كىرىمى 50 مىليارد يۈەندىن 100 مىليارد يۈەنگىچە بولغان كارخانىدىن 56سى، تىجارەت كىرىمى 10 مىليارد يۈەندىن 50 مىليارد يۈەنگىچە بولغان كارخانىدىن 210ى، تىجارەت كىرىمى 10 مىليارد يۈەندىن تۆۋەن بولغان كارخانىدىن 190ى بار ئىكەن.

ئوخشاش بولمىغان تىجارەت كىرىمى ئارىلىقى بويىچە تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن كارخانىلار سانىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسى

  تىزىملىكتە، مەركەز كارخانىسىدىن جەمئىي 145ى بار، ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 15 تىرىليون 107 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، 500 كۈچلۈك كارخانا ئومۇمىي تىجارەت كىرىمىنىڭ %59.9ىنى ئىگىلەيدىكەن؛ يەرلىك كارخانا جەمئىي 355 بولۇپ، ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 500 كۈچلۈك كارخانا ئومۇمىي تىجارەت كىرىمىنىڭ %40.1ىنى ئىگىلەيدىكەن. ئالدىنقى 10 كارخانا ئىچىدە مەركەز كارخانىلىرى 9 ئورۇننى، ئالدىنقى 50 كارخانا ئىچىدە مەركەز كارخانىلىرى 30 ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن.

  «جۇڭگونىڭ قاتناش ساھەسىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانا»نىڭ ئىستاتىستىكا دائىرىسى تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى، تۇرۇبا يولى قاتارلىق كۆپ خىل تىرانسپورت شەكلى ۋە قاتناش قۇرۇلۇشى، مەبلەغ سېلىش تىجارىتى، قاتناش تىرانسپورت قوراللىرى ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقى، تىرانسپورت ئەشيا ئوبوروتى، تەتقىقات-مەسلىھەت بېرىش-لايىھەلەش، ئاقىل قاتناش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرنى قاپلىغان بولۇپ، ئىستاتىستىكا ئوبيېكتى تىزىمغا ئالدۇرغان جاي جۇڭگو تەۋەلىكىدە بولغان، ئاساسلىق تىجارەت كەسپى قاتناش-تىرانسپورتتىكى مۇستەقىل قانۇنىي ئىگە كارخانىلار ئىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت