شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئىتتىپاقلىق گۈللىرى ئېچىلىپ بەختكە تولدۇق
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-05 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

[ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى]

5-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تىيانشان رايونى يەنئەن يولى كوچا باشقارمىسى چېنگۇاڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەھەللە بىلەن بىرلىكتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، كۆپچىلىك بىرلىكتە مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، كەڭ-كۇشادە مۇڭدىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق رىشتىسى ھەققىدە ئورتاق پاراڭلاشتى.

 سۈن جېنسۇڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 5-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۇچا بازىرىنىڭ كادىرى شى شۇيا(سولدا) ئۇچا 3-كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقىنى ساۋ سۈيشيا بىلەن بىللە شوخلا ئۈزۈپ، مول ھوسۇل شادلىقىنى ھېس قىلماقتا. 

ۋۇ لې فوتوسى

 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى ۋە قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى لوپنۇر مۇزېيىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش مەن تۇغقىنىم بىلەن بىرلىكتە يۇرتۇمنى ساياھەت قىلىمەن» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇرتىدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلماقتا. 

ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

ساۋەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ شاڭخۇدى يېزىسى شياۋكېڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى جۇ چيۇچىن(ئوڭدا) 5-ئاينىڭ 8-كۈنى قوشماقلاشقان تۇغقىنى مەمەت ئېلاخۇن بىلەن بىللە شاپتۇل چېچىكىنى تاماشا قىلماقتا.

 لەن لىڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 4-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا، خېبېيدىن مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى خۇ چاۋرۇ(ئوتتۇرىدا) ئىلگىرى ئۆزى دەرس بەرگەن ئىككى ئوقۇغۇچى نادىرە ياسىن(سولدا) ۋە ۋېي شياۋيا(ئوڭدا) بىلەن بىرلىكتە ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرماقتا. 23 يىلدىن بۇيان، خېبېيدىن مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار جاپالىق ئەمگىكى ۋە قان-تەرى ئارقىلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

 سۇ شىن فوتوسى

5-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئاتۇش شەھىرى گۇاڭمىڭ يولى كوچا باشقارمىسى قۇرۇلۇش يولى مەھەللىسى كېجيەن يېڭى كەنتى ئولتۇراق رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ بىر يەرگە جەم بولدى. 

تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

     تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى جىشېن

     بىپايان شىنجاڭ، گۈزەل جاي، تاغ ـ دەريالىرى گۈزەل، ئادەملىرى تېخىمۇ گۈزەل.

    تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەممە يەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى. ئېتىز بېشى، زاۋۇت سېخلىرى... كىشىلەر ئۇرۇق-تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق ياراتماقتا.

    شىنجاڭ تۇپرىقىنى ئايلىنىپ چىقىدىغان بولساق، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ئائىت ھېكايىلەر ناھايىتى كۆپ، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرۈپ، چېچەكلەپ، مېۋە بەردى. كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئۆگىنىشى، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى، ئېجىل-ئىناق ئۆتۈشى شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە بولۇپ قالدى.

     قول تۇتۇشۇپ تەرەققىيات يولىنى ئورتاق ياراتتۇق، ئىتتىپاقلىق گۈللىرى ئېچىلىپ بەختكە تولدۇق.

     شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت