شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش، زامانىمىزدىكى شانلىق سەھىپىنى پۈتۈپ چىقىش
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-05 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيى ۋە جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى ھەم مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، لىن خۇي، خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، جاڭ خې

بىر دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىغا قانداق ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك؟

بىر مىللەتنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان ئۇزاق مەدەنىيلىكىنى قانداق كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك؟

مۇشۇنداق چوڭقۇر ئويلىنىش بىلەن، 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيى ۋە جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىغا مەخسۇس بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر بايان قىلىپ، كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدىغان چاقىرىق چىقاردى −

«مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئورتاق تىرىشىپ دەۋرىمىزگە مەنسۇپ بولغان يېڭى مەدەنىيەتنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشىمىز كېرەك».

جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىنى قۇرۇش ۋە جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىنى تەسىس قىلىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر.

«بۇ ئىككى ساراينى ئىككى يىلدىن بۇيان ئىزچىل كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى، لېكىن پۇرسەت بولمىدى. بۇ قېتىم ئىككى يېرىم كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئايلىنىپ بېقىش، كۆرۈپ بېقىش قارارىغا كەلدىم» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىغا تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان يەنشەن تېغى ئېتىكىگە كېلىپ، جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىنىڭ مەركىزىي باش سارىيىدا تەكشۈرۈشتە بولدى.

بۇ يەر ئەسلىدە بىر تاشلاندۇق شېغىل قېزىش مەيدانى ئىدى. ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، قەدىمكىگە تەقلىد قىلىنغان ھەيۋەتلىك ئىمارەت توپى تاغنى بويلاپ قەد كۆتۈردى.

«دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيى مەن ئۆزۈم تەستىقلىغان قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، بۇنىڭغا ئىزچىل ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم.» باش شۇجى ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تاغ - دەريالار ئارىسىغا جايلاشقان جۇڭگونىڭ كىلاسسىك ئىمارەتلىرى قارىماققا ناھايىتى راھەت كۆرۈنىدىكەن».

ۋېنخۇاتاڭ زالىغا كىرىپ، چوڭ مەنزىرىلىك دالدۇغۇشنى ئايلىنىپ ئۆتكەندە، ئالدى تەرەپتە دۆلەت دەرىجىلىك نەشر نۇسخىسى كۆرگەزمە سارىيى − دۆلەت كۇتۇپخانىسى بار. تۆت ئەتراپقا 15 گۇرۇپپا غايەت زور كىتاب ئىشكاپى قويۇلغان، ئۇنىڭغا 30 مىڭغا يېقىن يېڭى جۇڭگو نادىر نەشر بۇيۇمى تىزىلغان بولۇپ، جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى كىتاب ساقلاش بوشلۇقى يارىتىلغان.

باش شۇجى كىتاب ئىشكاپىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تەپسىلىي كۆردى، بىر يۈرۈش «سۇڭ سۇلالىسى رەسىم ئەسەرلىرى توپلىمى» ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

«بۇ مەن جېجياڭدا خىزمەت قىلغاندا، جېجياڭ داشۆدىكى جاڭ شى مەسئۇل بولغان تۈر. ئالدى بىلەن <سۇڭ سۇلالىسى رەسىم ئەسەرلىرى توپلىمى> تۈزۈپ چىقىلدى، كېيىن يەنە <جۇڭگونىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلىرىدىكى رەسىملەر قامۇسى>غا كېڭەيتىلدى. بۇنىڭدا جېجياڭنىڭ ئۆزىدىلا ئەمەس، يەنە مەملىكەت ئىچى - سىرتى بىلەن كەڭ ھەمكارلىشىلغان» دېدى باش شۇجى ئەسلەپ.

ئەينى يىلى، دەل يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى تۈرتكە بولۇشى، پۈتۈن جەريانلىق مەدەت بېرىشىدە، ئون نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى بولغان «جۇڭگونىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلىرىدىكى رەسىملەر قامۇسى» ئوڭۇشلۇق نەشر قىلىنىپ، 1000 يىلنى ھالقىپ ئۆتكەن رەسىملەر ۋە پۈتۈن يەرشارىغا تارقالغان دۆلەت گۆھەرلىرى بىر يەرگە جەم قىلىنىپ، چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى دەۋرنىڭ سەلتەنىتى، بۈيۈك خەن سۇلالىسىنىڭ ھەيۋىتى، گۈللەنگەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ شۆھرىتى، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ جەزبىدارلىقى، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىنىڭ سالاپىتى جانلىق نامايان قىلىنغان.

دۆلەتنىڭ روھى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتىلىدۇ، مەدەنىيەت ئارقىلىق تاۋلىنىدۇ.

باش شۇجىنىڭ نەزەرى دۆلەت كۇتۇپخانىسى تورۇسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بېزەك كاتەكچىلىرىدىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان گۈمبىزىگە چۈشتى. گۈمبەزگە سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تاش ئويما ئاسترونومىيە خەرىتىسى سىزىلغان، خەرىتىدە قەدىمكىلەر كۆزەتكەن تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىغا بەلگە قويۇلغان بولۇپ، سامانيولى چاقناپ تۇراتتى، كۆز يەتكۈسىز، چەكسىز ئىدى.

«بۇ سۈرەت نۇسخىسىنى تاللاپ ئىشلىتىش ئارقىلىق جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيى مەركىزىي باش سارىيىدىكى <ۋېنخەنگې راۋىقى>نىڭ <جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى خۇددى يۇلتۇزلۇق ئاسماندەك چەكسىز، چاقناپ تۇرىدۇ> دېگەن مەنىسى ئىپادىلەنگەن.» چۈشەندۈرگۈچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى بېشىنى پات - پات لىڭشىتتى.

نەشر نۇسخىسى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى ۋە يەتكۈزگۈچىسى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى، گۈللەپ ياشناۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى ۋە گۇۋاھچىسى. ۋېنخۇاتاڭ سارىيىنىڭ 2 - قەۋىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئەدەپ - ئەخلاق بۇ يەردە − جۇڭخۇا قەدىمكى زامان مەدەنىيلىكى نەشر نۇسخىسى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

شاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ۋۇدىڭ دەۋرىدىكى «چاسا ئۇسلۇب»تىكى چىغىناق - تاغاققا ئويۇلغان سۆزلەر، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى باسما كىتاب «تاڭخۇ كۆلى شېئىرلىرى»، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى نۇسخا چۈشۈرۈلگەن كىتاب «شىلۇدىكى سۇشى ھۆسنخەتلىرى»، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كۆچۈرۈلمە نۇسخا كىتاب «مياۋفا ليەنخۇاجىڭ نومى»... ھەربىر قىممەتلىك چىغىناق - تاغاق يېزىقلىرى، تارىشا پۈتۈكلەر، قەدىمىي كىتاب، ھۆججەت - ماتېرىياللار، ئويما نۇسخىدىكى ئەسەرلەر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، مول مەزمۇنلۇق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىلاپ قەدىمىنى توختىتىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سورىدى.

«بۇ مۇھىم سىياسىي رولىنى جارى قىلدۇرغان قەدىمكى كىتاب نۇسخىسى − مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كۆك كاتەكچىلىك كۆچۈرۈلمە نۇسخىدىكى <ليۇچيۇغا بېرىش خاتىرىسى> بولۇپ، ئۇ دياۋيۈ ئارىلى ھەم ئۇنىڭغا تەۋە ئاراللارنىڭ جۇڭگو تېررىتورىيەسىگە تەۋە ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن دەسلەپكى نۇسخىدىكى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. كىتابتا مۇنداق خاتىرىلەنگەن: 10 - كۈنى... پىڭجياشەن تېغىدىن ئۆتتۇق، دياۋيۈيۈ ئارىلىدىن ئۆتتۇق، خۇاڭماۋيۈ ئارىلىدىن ئۆتتۇق، چىيۈ ئارىلىدىن ئۆتتۇق... 11 - كۈنى كەچقۇرۇن گۇمىشەن تېغىنى كۆردۇق، ئۇ ليۇچيۇغا تەۋە ئىدى»... مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى «ليۇچيۇغا بېرىش خاتىرىسى» كۆرگەزمە بۇيۇمى ئالدىدا، خىزمەتچى خادىملار تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

«مەن فۇجوۋدا خىزمەت قىلغان چاغلىرىمدا، فۇجوۋدا ليۇچيۇ سارىيى، ليۇچيۇ قەبرىسى بارلىقىنى، ليۇچيۇ بىلەن بولغان ئالاقە مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى، ئەينى چاغدا يەنە فۇجيەنلىك 36 فامىلىدىكىلەرنىڭ ليۇچيۇغا قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەتتىم.» باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: قەدىمىي كىتابلار، نەشر نۇسخىلىرىنى توپلاش، رەتلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

ۋېنخۇاتاڭ سارىيىدىكى يەنە بىر مەخسۇس تېمىدىكى كۆرگەزمە − «نەشر نۇسخىلىرى كۆزنى چاقنىتىدۇ»دا، جۇڭگو ھازىرقى زامان نادىر نەشر بۇيۇملىرى ۋە ئۆزگىچە نەشر نۇسخىلىرى كۆرگەزمە قىلىنغانىدى.

كۆرگەزمە سۇپىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان نەشر نۇسخىسىدىكى «شىنخۇا لۇغىتى»نى كۆرسىتىپ تۇرۇپ باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «بۇ بىرنەچچە نەشر نۇسخىسىنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىشلىتىپ باققان».

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 -، 60 - يىللىرىدىكى نەشر نۇسخىسىدىكى سەل - پەل سارغىيىپ قالغان «شىنخۇا لۇغىتى» باش شۇجىنىڭ ئوي - پىكرىنى قوزغىدى:

«ئەينى يىللىرى شىمالىي شەنشىدە ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىدە ئىشلىگەن چېغىمدا، ئېتىزدا ئىشلەۋاتقاندا يانچۇقۇمغا <شىنخۇا لۇغىتى> سېلىۋالاتتىم، ئارام ئالغاندا قولۇمغا ئېلىپ بىرنەچچە بەتنى ۋاراقلاپ، بىر خەت - بىر خەتتىن كۆرەتتىم. بىر خەتنىڭ قانچە خىل تەلەپپۇزى بارلىقىنى، قانچە خىل مەنىسى بارلىقىنى، خەتنى قانداق ئىشلەتكەندە، سۆزنى قانداق ئىشلەتكەندە دەل جايىدا بولىدىغانلىقىنى كۆرەتتىم. بىز ماقالە يازغاندا، بىراقلا بەش - ئالتە تەڭداش جۈملە، بەش - ئالتە تۇراقلىق ئىبارىنى ئىشلەتسەكلا ياخشى بولغان بولامدۇ؟ ناتايىن، ئاچقۇچلۇق يېرى ئۇنىڭ ئىچىدىن ئەڭ دەل جايىدا، ئەڭ ياخشى سۆزنى تاللاپ چىقىش، ھەرگىزمۇ <بىلىمنى بازارغا سېلىش>، <بىلىمنى كۆز - كۆز قىلىش> ئەمەس».

باھار بايرىمىلىق رەسىم، چاتما رەسىم ۋە تەشۋىقات رەسىملىرى دۆلەت نەشر سارىيىدىكى خاس ساقلانمىلار ھېسابلىنىدۇ.

«بۇ بالىلار رەسىملىك كىتابلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتۈن يۈرۈشلۈك بولۇپ، مەن كىچىك ۋاقتىمدا <يۆ ئانىنىڭ يۆ فېينىڭ دۈمبىسىگە خەت چېكىشى> <نيۇتوۋشەن تېغى> <شياۋ لياڭۋاڭنى نەيزە بىلەن ئۆلتۈرۈش> <قوش نەيزىلىك لۇ ۋېنلۇڭ> <شياۋشاڭخې دەرياسى>... ناملىق كىتابلارنى قايتا - قايتا ئوقۇغانىدىم.» بۇ كىتابلار باش شۇجىغا بەش قولدەك ئايان ئىدى، «بۇ بالىلار رەسىملىك كىتابلىرى ناھايىتى تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە، بالىلار رەسىملىك كىتابلىرىدىكى رەسىملەرنى سىزىدىغان كىشىلەرنىڭ ماھارىتىمۇ ئۈستۈن، ھەممىسى داڭلىق ئۇستىلار ئىدى».

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، «ئۈچ قىزىل، بىر ئىگىلىك تىكلەش (<قىزىل قىيا> <قىزىل قۇياش> <قىزىل بايراق شەجەرىسى> <ئىگىلىك تىكلەش تارىخى>)»، «ياشلىق، تاغ، قوغداش، ئورمان (<ياشلىق ناخشىسى> <تاغلىق يېزىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىش> <يەنئەننى قوغداش> <چەكسىز ئورمان، قارلىق دالا>)» قاتارلىق نادىر قىزىل ئەسەرلەر جەمئىيەتتە كەڭ تەسىر قوزغىغانىدى.

باش شۇجى بۇ ئەسەرلەرنىڭ قول يازمىلىرى ھەم كىتاب نەشر نۇسخىلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابلارنى ئەينى يىللىرى ھەممەيلەن كۆرگەن، نۇرغۇن كىشىنى ئىلھاملاندۇرغانىدى. بۇ مۇنەۋۋەر كونا ئەسەرلەرنى، كونا فىلىملەرنى ھازىرمۇ ئېلىپ چىقىپ ئوقۇش، قويۇش كېرەك».

ئارقىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىي كىتابلار ساقلانغان لەنتەي دۇڭكۇ خەزىنىسىگە كىرىپ، نەشر نۇسخىلىرىنى ساقلاش، يىغىپ ساقلاش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى.

«لەنتەي» دېگەن خەت «خەننامە·مەنسەپدارلار ۋە تۆرىلەر جەدۋىلى»دىكى «ئوردىدىكى لەنتەيدە خەرىتە ۋە مەخپىي كىتابلارنى باشقۇرۇش» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ دەل قەدىمىي كىتابلارنى يىغىپ ساقلايدىغان خەزىنە دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

لەنتەي دۇڭكۇ خەزىنىسىنىڭ 1 - نومۇرلۇق خەزىنىسى ئويما مەتبەلەرنى ئالاھىدە ساقلايدىغان خەزىنە ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدا خەنزۇچە، زاڭزۇچە، موڭغۇلچە، مانجۇچە تۆت خىل يېزىقتىكى بۇددا نوملىرى توپلىمىنىڭ ئويما مەتبەسى ساقلانغان. ئالىي دەرىجىلىك نەشپۈت ياغىچى، قىزىل قېيىن ياغىچىدىن ئىشلەنگەن ئويما مەتبە، نەچچە يۈز يىللىق بوران - چاپقۇن، زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا خاس جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

باش شۇجى ئاستا مېڭىپ خەزىنە جازىلىرىنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ، قەدىمىي مەدەنىيلىككە بۈگۈنگىچە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ھىدى ۋە ئاساسىنى ھېس قىلدى: «ماڭغاچ ھېس قىلغىلى بولىدۇ، بۇ ئويما مەتبە، قەدىمىي كىتابلارغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، روھى، مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن، تېخىمۇ مۇھىمى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن كۈچ مۇجەسسەملەنگەن».

2 - نومۇرلۇق خەزىنىدە، «تۆت خەزىنە كىتابلىرى»نىڭ ۋېنيۈەنگې راۋىقى، ۋېنسۇگې راۋىقى، ۋېنجىنگې راۋىقى، ۋېنلەنگې راۋىقىدىكى قەدىمىي كىتابلىرىنىڭ ھەقىقىي نۇسخىسى ۋە تەقلىدىي فوتو باسما نۇسخىسى تۇنجى قېتىم بىر يەرگە قويۇپ كۆرگەزمە قىلىنىپ، «تۆت خەزىنە كىتابلىرى»نىڭ قىياپىتى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىپ، «تۆت راۋاقتىكى تۆت خەزىنە كىتابلىرىنى بىر يەرگە قويۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «تۆت خەزىنە كىتابلىرى» نەشر نۇسخىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى، قەغەز باسمىسى ۋە ئۇلارنى قوغداش، يىغىپ ساقلاش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئاڭلاپ، خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق تاپىلىدى:

«مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ قالدۇرغان ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەر. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر قىسىم قەدىمىي كىتابلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوقىلىپ كەتتى، قېپقالغان بۇ گۆھەرلەرنى چوقۇم تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ياخشى ئاسراپ، ياخشى قەدىرلەپ، بىزنىڭ دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلگەن مەدەنىيلىكىمىزگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك».

لەنتەي دۇڭكۇ خەزىنىسىدىن چىقىپ باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ۋە باشقۇرۇلۇشىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «نەشر نۇسخىسى سارىيى قۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسەت يىغىپ ساقلاش، يەنى بىزنىڭ بۇ تارىخىي باسقۇچىمىزدا، قەدىمدىن تارتىپ يىغىپ توپلىغىلى بولىدىغان قەدىمىي كىتاب، ماتېرىياللارنى تولۇق يىغىپ توپلاپ، ياخشى قوغداپ، دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلگەن مەدەنىيلىكىمىزگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت. گۈللەنگەن دەۋردە مەدەنىيەت گۈللىنىدۇ، بىزنىڭ ھازىر مۇشۇنداق ئارزۇيىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك».

قانچىلىك يىراق ئۆتمۈشنى كۆرگىلى بولسا، شۇنچىلىك يىراق كەلگۈسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتى قەدىمكى بىلەن ھازىرقىنى تۇتاشتۇرىدىغان «مەدەنىيەت ئومۇرتقىسى» − بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىنىڭ شىمالغا سوزۇلغان لىنىيەسىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك باغچىسىنىڭ مەركىزىي رايونى مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسال رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، 2019 - يىلى قۇرۇلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، كۆپچىلىكنى «قەدىمكىنى بىلىپ ھازىرقىغا ئۆرنەك قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تارىخ تەتقىقاتى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگونىڭ تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتى بويىچە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تۆھپە قوشۇش»قا ئىلھاملاندۇرغانىدى.

6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

تەتقىقات يۇرتىدىكى جۇڭگو ئارخېئولوگىيە مۇزېيى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئارخېئولوگىيە نامى بىلەن ئاتالغان مۇزېي. «تارىخنىڭ داغدام يولى»دا، ۋاقىت ئوقى شەكلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى ۋە مۇھىم، زور ۋەقەلىرى نامايان قىلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇزاق تارىخى ئويۇلغانىدى.

باش شۇجى كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، «تارىخنىڭ داغدام يولى»نى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەڭ يېڭى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش نەتىجىلىرى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى قوغداش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى.

«بۇ ئەنخۇي مېڭچېڭدىكى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىكى يۈچى ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان چوڭ ئېغىزلىق ساپال جام بولۇپ، بۈگۈنگىچە تەخمىنەن 4800 يىل بولغان.» چۈشەندۈرگۈچى بىر ساپال كۆرگەزمە بۇيۇمىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ئالاھىدە يېرى شۇكى، بۇ بۇيۇمنىڭ ئۈستىگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا <كۈن> <ئاي> <تاغ> شەكلىدىكى بەلگىلەر ئويۇلغان. ئابستراكت ئىپادىلەش ۋە بىرىكتۈرۈش ئاددىي رەسىملەردىن ھالقىپ، بىزگە خەنزۇچە خەتنىڭ دەسلەپكى شەكلىنى كۆرسىتىپ بەردى. ھالبۇكى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ساپال بۇيۇملار 16 مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرىلا بارلىققا كەلگەن».

«جۇڭگو دۇنيادىكى ساپال بۇيۇملار ئەڭ بالدۇر پەيدا بولغان دۆلەتمۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى چۈشەندۈرگۈچىدىن.

«شۇنداق».

«<ئەڭ بالدۇرقىسىنىڭ بىرى> ئەمەس، <ئەڭ بۇرۇنقىسى>مۇ؟» دەپ يەنە سورىدى باش شۇجى.

«شۇنداق، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بايقالغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ساپال بۇيۇملار ئاساسەن جۇڭگودا پەيدا بولغاندىن كېيىن تارقىلىپ بارغان».

يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىكى «7000 ياش»لىق ئادەم يۈزلۈك ساپال ھەيكەل، قىزىل خەت چۈشۈرۈلگەن ياپىلاق ساپال چۆگۈن، رەڭلىك ئەجدىھا نەقىشلىك ساپال تەخسە، شيا سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئېرلىتۇ خارابىسىدىكى تۇركۋويس ئەجدىھا شەكىللىك بۇيۇم، شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى پىل چىشى ئىستاكانى، جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇڭشى جامى... قېزىۋېلىنغان نەپىس مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جۇڭخۇا مىللىتى ئەجدادلىرىنىڭ جاپاغا چىداپ ئىشلەش، يول ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەشتەك تارىخىي ئىزنالىرىنى جانلىق نامايان قىلدى.

«4000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بۇرۇنقى نەرسىلەر شۇنچە نەپىس ئىكەن» «بۇ تېخنىكا شۇ چاغلاردا ناھايىتى ئىلغار ئىدى» «بەك چىرايلىق ئىكەن! ياساش ھۈنەر - سەنئىتى بەك كامالەتكە يەتكەن ئىكەن»... باش شۇجى ماڭغاچ كۆرۈپ، جۇڭگو قەدىمكى كىشىلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى، جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋردىكى شانلىق مەدەنىيلىكىنى چىن قەلبىدىن تەرىپلىدى.

«دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيى، جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىنى كۆرۈپ مول ھاسىلاتقا ئېرىشتىم. مەن جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم».

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولۇپ، ئارقىدىن جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىنىڭ 7 - قەۋىتىدىكى يىغىن زالىدا مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

يىغىندا، بېيجىڭ سىفەن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ گېڭ، بېيجىڭ داشۆنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ بو، چىڭخۇا داشۆنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى پېڭ گاڭ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شىڭ گۇاڭچېڭ، جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى فەن دىئەن، نەنجىڭ داشۆنىڭ ئادىمىيەت، ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە نوپۇزلۇق پىروفېسسورى مو لىفېڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىنى كوردىنات قىلىپ، ماركسىزم ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ تولۇق نۇسخىدىكى «رۇجيا ئىدىيەسى خەزىنىسى»نى تۈزۈش - تەتقىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، كىلاسسىك مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدا سۆز قىلدى.

«كۆپچىلىكنىڭ سۆز قىلىش نۇقتىسى ئوخشاش ئەمەس، ئىخچام، مەزمۇنلۇق بولۇپ، بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالدىم».

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «مەدەنىيەت دۆلەتنىڭ ئاساسى، دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ مەزگىلدە مەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور تېما ئۈستىدە ئىزچىل ئويلىنىپ كەلدىم، بۇمۇ بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشتىكى سەۋەب».

قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەش توغرىسىدا توختالغاندا، باش شۇجى بىراقلا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى نۇرغۇن مۇھىم ئامىللارنى مىسال كەلتۈردى −

دۇنيا خەلققە مەنسۇپ، دۇنيانىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جەمئىيەت غايىسى، خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئەخلاق پىرىنسىپىغا تايىنىشتىن ئىبارەت ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەمىر - پەرمان بىردەك بولۇش، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن بۈيۈك بىرلىك ئەنئەنىسى، ئۆزىنى كامالەتكە يەتكۈزۈش، ئائىلىنى باشقۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، گۈللىنىش ۋە ھالاك بولۇشتا مەسئۇلىيىتى بار بولۇشتىن ئىبارەت ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى، ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلەت ۋە مۇپەسسەل ئىلىم ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، گۈزەل ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى مەنىۋى ئىنتىلىش، خەلقنى بېيىتىش، ھاياتلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ھەققانىيەت بىلەن مەنپەئەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان ئىقتىسادىي ئېتىكا، تەبىئەت بىلەن ئادەمنىڭ باغلىنىشى ۋە بىرلىكى، بارلىق شەيئىلەر تەڭ يېتىلىدىغان ئېكولوگىيە ئىدىيەسى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت پەلسەپەۋى ئىدىيە، ئىش قىلغاندا ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن، مۇۋاپىق چارە قوللىنىش، ئوتتۇرا يولنى چىڭ ساقلاپ، ئىناق ھالەتكە يېتىشتىن ئىبارەت تەپەككۇر ئۇسۇلى، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، قوشنىلار بىلەن ئىناق، دوستانە ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئالاقىلىشىش يولى...

باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ ئېلېمېنتلار جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئىزچىللىقى، ئىجادچانلىقى، بىرلىكى، سىغدۇرۇشچانلىقى، تىنچلىقىنى ئورتاق ياراتقان.

«ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش توغرىسىدا توختالغاندا، باش شۇجى ئۇنى بەش جەھەتكە يىغىنچاقلىدى ھەم جانلىق بايان قىلدى −

«بىرلەشتۈرۈش قۇراشتۇرۇش ئەمەس، ئاددىي فىزىكىلىق رېئاكسىيە ئەمەس، بەلكى چوڭقۇر خىمىيەلىك رېئاكسىيە بولۇپ، ئورگانىك بىرلىككە كەلگەن بىر يېڭى مەدەنىيەت ھاياتلىق گەۋدىسىنى بارلىققا كەلتۈردى»؛

«بىزنىڭ سوتسىيالىزمىمىز نېمە ئۈچۈن ئوخشاش ئەمەس؟ نېمە ئۈچۈن جۇشقۇن، ھاياتىي كۈچكە تولغان؟ بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكتە، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنىڭ ئاچقۇچى ئىككىنى بىرلەشتۈرۈشتە»؛

«جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىكىدىن كەلگەن، شۇنداقلا 5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى تارىخىدىن كەلگەن»؛

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىي مەدەنىيلىك داۋاملاشتۇرۇلغان زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇپ، قەدىمىي مەدەنىيلىك يوقىتىلغان زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەس؛ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇپ، باشقا دۆلەتلەردىن ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەس؛ مەدەنىيلىكنىڭ يېڭىلىنىشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، مەدەنىيلىكنىڭ ئۈزۈلۈشىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس»...

مۇپەسسەل بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈش، چوڭقۇر تەھلىل قىلىش كىشىلەرنى 5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ مۇقەررەر يول ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلىدى.

يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا توختالغاندا، باش شۇجى پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى نۇقتىئىنەزەر، يېڭى ھۆكۈملەرنى يەكۈنلىدى −

پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى شان - شۆھرىتىنى يارىتىشنى تەكىتلىدى؛

ماركسىزم ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان تۈپ تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى؛

مەدەنىيەت ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى تەكىتلىدى؛

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق - تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ غايە - ئېتىقاد، قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشى جەھەتتە زىچ ئىتتىپاقلىشىشىنى تەكىتلىدى؛

جۇڭگوچە پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنى تېز بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىنى تەتقىقاتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو يولىنى بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، جۇڭگو ئەمەلىيىتىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، جۇڭگو نەزەرىيەسىنى بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى؛

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى مەڭگۈلۈك جەلپكارلىقى ۋە دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تەكىتلىدى؛

ئاخبارات ئاممىۋى پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى مۇستەھكەملەش، زورايتىشنى تەكىتلىدى؛

خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى تەكىتلىدى؛

ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش - پايدىلىنىش ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى قوغداشنى تەكىتلىدى؛

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك بىر - بىرىگە ماسلاشقان زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى؛

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى؛

ئالاقە تورىدىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىسە، ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتكىلى بولمايدىغانلىقى، ئالاقە تورىدىن ئىبارەت بۇ ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئېشىش مىقدارىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاكتىپ، ساغلام، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان تور مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، تور مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى؛

دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى؛

پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش، دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىقلارنى تەكىتلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ مۇھىم نۇقتىئىنەزەرلەر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى يەكۈنى، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما بولۇپ، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئۈزلۈكسىز بېيىتىش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇشتا جەزمەن مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قانداق قىلغاندا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ؟

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەتئىي، كۈچلۈك سۆزلىرى زامان - ماكان ھالقىپ، كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بەردى −

«تارىخقا ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش يېڭى تارىخ يارىتىش؛ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىگە بولغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەت ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىش».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت