شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-05-29 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ما شىڭرۇي خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم سۆز قىلدى

5 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن 27 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنى 5 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن 27 ـ كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە تىرىشىپ ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش تەلەپ قىلىندى.

يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى. باش تېما تەربىيەسى مەركەز 15 ـ يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ گوشېڭ، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شاۋ لىن سىرتتىن قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سۆز قىلدى.

يىغىندا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ھەرىكەت لايىھەسى(2023 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە)» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت ـ تەدبىرى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ بىر ئىقتىسادىي تەلەپ بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ ئىكەنلىكىنى؛ ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلارغىلا قويۇلغان تەلەپ بولماستىن، بەلكى بارلىق رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدا جەزمەن ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان تەلەپ ئىكەنلىكىنى؛ ۋاقىتلىق، بىر ئىشقىلا قويۇلغان تەلەپ بولماستىن، بەلكى جەزمەن ئۇزاق مەزگىل چىڭ تۇرىدىغان تەلەپ ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىلگىرىلىمىسەك چېكىنىپ كېتىمىز، ئاستا ئىلگىرىلىسەكمۇ چېكىنىپ كېتىمىز، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىشىمىز كېرەك. يىغىندا سىياسىي، سىياسەت، ئادىمىيەت، تەبىئىي شارائىت، بايلىق ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىش رايون ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردىن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق ئەۋزەللىكلەر سىستېمىلىق رەتلەپ چىقىلىپ مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرساقلا، شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، بۇ بىزنىڭ ئەڭ چوڭ جاسارىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلمىسى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارى، سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرىجىسى، تارىخىي ئادىمىيەت ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، شەھەر ـ يېزا رايونلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتى، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش، كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى، قابىلىيىتى ۋە خىزمەت ئىستىلى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دەۋر پۇرسىتىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى يول ئېچىش ۋە ئۇنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاش خىزمەت يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، تىرىشىپ شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى ئېچىش كېرەك.

تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىل بولۇش ـ بولماسلىق مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماكان، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ئارىلىشىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش كېرەك.

خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شەھەر ـ بازار ئاھالىلىرى ۋە دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئەۋزەل ئېنېرگىيە بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى كۈچەپ قويۇپ بېرىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايونىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى تېز يارىتىش كېرەك.

مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان كۆپ ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ راۋان يۈرۈشۈشىگە كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ بەس ـ بەستە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى بوشلۇقىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىش كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا ـ كەنتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈرۈمچى ـ قاراماي ـ سانجى، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كىرىشتۈرۈلمە رىقابىتى، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى كۈچەپ بۇزۇپ تاشلاپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادى ۋە بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، قۇرۇلمىسى، ئىقتىدارى ۋە سىستېمىلىق توپلىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال، ئىستېرېئولۇق قاتناش، ئېنېرگىيە چوڭ يولى، شەھەر ئۇل ئەسلىھەسى قاتارلىق سىستېمىلارنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تىرەك بولىدىغان زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىكى سۇ بايلىقى چەكلىمىسى، بوغما ھالەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى سۇ تىرىكى، سۇ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

دىققەتنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقى، كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك تەشكىلىي ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىنى سەپلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش شىنجاڭ خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا بولغان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغى جەھەتتىن يۆلەش، مالىيە ـ باج، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش، مۇھىم ئامىل كاپالىتى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، ئىدىيەدە پائال ئازاد بولۇپ، نەزەر دائىرە ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى، قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى بايقاپ ۋە ياخشى ھەل قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پائال، تەشەببۇسكار بولۇپ نەتىجە يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشكە سىجىل كۈچەپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم ۋە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ ئارقىلىق «تۆت خاھىش»نى تۈزەپ، يېڭى ئىستىل تىكلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر بىرقەدەر تېز ئېشىپ، «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا سۈرئەت تېزلىشىش، مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپەت ئۆسۈش»تەك ياخشى ۋەزىيەت كۆرۈلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق كۆزلىمە نىشان ـ ۋەزىپىنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا يەنە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يولداش لى يۇڭجۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسى تەستىقلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ لى چېڭخۇي، ئەن جېڭيۈگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى قارارى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار؛ ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن ئۆلكە دەرىجىلىك بىر قىسىم رەھبەرلەر ۋە پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان باش ئۆلكە دەرىجىلىك بىر قىسىم رەھبەرلەر؛ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەكىللىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى؛ ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە مەركەز كارخانىلىرى، پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئاپپاراتلىرى، بىڭتۇەن ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن ـ مەيدانلىرىغىچە ئېچىلدى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت