شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتايلى
يوللانغان ۋاقىت :2023-05-29 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

دەۋر دولقۇنى ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، بۇرچ ۋە مۇھىم تاپشۇرۇق كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىمەكتە. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى سىستېمىلىق پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلدى، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشقا سەپەرۋەر قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ «قانداق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلدى، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى، بولۇپمۇ بۇلتۇر شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە شىنجاڭنىڭ مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

ۋاقىت ئادەم ساقلاپ تۇرمايدۇ! تارىخ ئادەم ساقلاپ تۇرمايدۇ! تەرەققىيات ئادەم ساقلاپ تۇرمايدۇ! ھازىر، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈردى، 1 ـ پەسىلدە كۆپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، سىياسىي، سىياسەت، ئادىمىيەت، تەبىئىي شارائىت، بايلىق ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىشتىكى رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلمىسى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارى، سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرىجىسى، تارىخىي ئادىمىيەت ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىش، ئېچىش، پايدىلىنىش، شەھەر ـ يېزا رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى، كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى، قابىلىيىتى ۋە خىزمەت ئىستىلى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى يول ئېچىش ۋە ئۇنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ھەرىكەت لايىھەسى(2023 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە)»دە مەسىلە ئېڭى ۋە سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر ھەرقايسى تەرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى گەۋدىلەندۈردى، بۇ، ئۆزئارا تۇتاشقان، بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىچكى جەھەتتە باغلىنىشلىق بولغان ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە. بىز تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ، لايىھەدىكى مەزمۇن، تەدبىرلەرنى ماددىمۇماددا، تۈرمۇتۈر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى تىرىشىپ ئېچىشىمىز كېرەك.

پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ «شاھمات كۆزى»، «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش شىنجاڭ خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت ـ تەدبىرى»نىڭ قىممىتى يۇقىرى، قاراتمىلىقى كۈچلۈك. بىز «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ئاساسىغا قويۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

تارىخنىڭ يۆگىمە رەسىمى ھەيۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا كەڭ ئېچىلدى؛ دەۋر شان ـ شەرىپى ئۇدا كۈرەش قىلىش داۋامىدا پۈتۈلدى. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى ۋە مەڭگۈ بوشىشىپ قالمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقايلى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت