شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
كامېرادىكى كۆرۈنۈشلەر! دېڭىز يۈزىدىن 5200 مېتىر ئېگىزلىكتە ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى ئەزالىرى قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟
يوللانغان ۋاقىت :2023-05-29 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

جۇمۇلاڭما چوققىسى تاغقا چىقىش لاگېرى ئەتراپىدا، شىزاڭ داشۆ ئېكولوگىيە-مۇھىت شۆيۈەنىدىن كەلگەن ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جاڭ جىفېڭ(سولدا) تاشقا يېپىشىۋالغان يۈسۈن تۈرىدىكى جانلىقلارنى تەكشۈرمەكتە(5-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن فېي فوتوسى

    چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن «تەبىئىي تەجرىبىخانا» دەپ ئاتىلىدۇ، جۇمۇلاڭما چوققىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار بولسا بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىلىم-پەن تەرىپىدىن جىددىي تونۇلۇشقا توغرا كېلىدىغان بىر پارچە قاشتېشىدەك پاكىز جاي ھېسابلىنىدۇ. 

    2023-يىللىق جۇمۇلاڭما چوققىسى رايونىنى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش تەتقىقاتى 2-قېتىملىق چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش تەتقىقاتىنىڭ بىر قىسمى. 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، بەش ئىلمىي تەكشۈرۈش شۆبە ئەترىتى، 13 ئىلمىي تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن كەلگەن 170 ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى ئەزاسى دىققەتنى داۋاملىق ھالدا سۇ، ئېكولوگىيە ۋە ئىنسانلار پائالىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇمۇلاڭما چوققىسى رايونىدا تەبىئەت ئۈستىدە ئىزدەندى، ئىلىم-پەن ئۈستىدە ئىزدەندى، باتۇرلۇق بىلەن يامىشىپ چىقتى.

     بىز مۇخبىرنىڭ كامېراسىغا ئەگىشىپ، دېڭىز يۈزىدىن 5200 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جۇمۇلاڭما چوققىسى تاغقا چىقىش لاگىرى ئەتراپىغا كېلىپ، ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقايلى.

جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 5300 مېتىر كېلىدىغان جايىدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى تەتقىقات ئورنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى چيۇ خەييىڭ مۇز تۇتۇش ئالدىدىكى كۆل سۈيى ئەۋرىشكىسىگە ھىدروگېن كاربونات يىلتىزىنى تېمىتماقتا(5-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىنمېي دوجى فوتوسى

 جۇمۇلاڭما چوققىسى تاغقا چىقىش لاگىرى ئەتراپىدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى تەتقىقات ئورنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى چيۇ خەييىڭ رۇڭبو مۇزلۇقىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە(5-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن فېي فوتوسى

 

جۇمۇلاڭما چوققىسى تاغقا چىقىش لاگېرى ئەتراپىدا، 2-قېتىملىق چىڭخەي-شىزاڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز ھاۋا رايى گىرادىئېنتىنى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى جاۋ خۇابياۋ(ئوتتۇرىدا) چوققىغا چىقىپ، ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئاپتوماتىك ھاۋا رايى پونكىتى قۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا(5-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىنمېي دوجى فوتوسى

جۇمۇلاڭما چوققىسى تاغقا چىقىش لاگىرى ئەتراپىدا، شىزاڭ داشۆ ئېكولوگىيە-مۇھىت شۆيۈەنىدىن كەلگەن ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى تۇپراق ئەۋرىشكىسىنى يىغماقتا(5-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن فېي فوتوسى

جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 5300 مېتىر كېلىدىغان جايىدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي شىمال ئېكولوگىيە-مۇھىت بايلىقى تەتقىقات يۇرتىدىن كەلگەن ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى شۆ يۈئاڭ مۇزلۇقنى ئەمەلىي ۋاقىت پەرقى بويىچە GPSتە ئورۇن بەلگىلەش ئېلىپ بارماقتا(5-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىنمېي دوجى فوتوسى 

بۇ، جۇمۇلاڭما چوققىسى تاغقا چىقىش لاگېرىغا جايلاشقان ئىلمىي تەكشۈرۈش لاگېرى(5-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن فېي فوتوسى

«تىيانشان تورى»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت