شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ياشانغاندا خۇشاللىقى بولۇش ــــــ ياشانغانلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-05-29 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىئەن شەھىرى جىشۈي ناھىيەسى مۇزىكىلىق ئۇسسۇل، جۇڭيى تېبابىتى بويىچە كۈتۈنۈش، ئوزۇقلۇق ئاشپەزلىكى قاتارلىق ياشانغانلار ياقتۇرىدىغان پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتتى. سۈرەتتە: شۇ جايدىكى ياشانغانلار خۇشال ھالدا بەل دۇمباق چالماقتا.   لياۋ مىن فوتوسى («خەلق تورى» كۆرۈش سەزگۈسى)

سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ يىبىن شەھىرى نەنشى رايونى نەنشى كوچا باشقارمىسى فېڭشى مەھەللىسىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى ئۆگىنىش مەركىزىدە، ياشانغانلار قەغەز قىيما قىيماقتا.   جۇاڭ گېئېر فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭيې شەھىرى مىنلې ناھىيەسى ليۇبا بازارلىق ئۇنىۋېرسال ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىدە، پىدائىيلار ياشانغانلارغا قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمى ياساشنى ئۆگەتمەكتە.   ۋاڭ جياڭ فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

چۇڭچىڭ شەھىرى لياڭپىڭ رايونىدىكى خەلق مەيدانىدا، ياشانغان تەيجى ھەۋەسكارلىرى تەيجى يەلپۈگۈچ ئويۇنى ئوينىماقتا.   ليۇ خۇي فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

خۇنەن ئۆلكىسى يۇڭجوۋ شەھىرى جياڭيۇڭ ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيىدا، يۇڭشىن مەھەللىسىدىكى ياشانغانلار ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئۆگەنمەكتە.   تيەن رۇرۇي فوتوسى («خەلق تورى» كۆرۈش سەزگۈسى)

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كۆكخوت شەھىرى يۈچۈەن رايونى ياشانغانلار داشۆسىدىكى كۇرسانتلار مودىل مېڭىش بويىچە شەكىل چىقىرىشنى مەشىق قىلماقتا.   دىڭ گېنخوۋ فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇۋېي شەھىرى خېديەن بازىرى ليۇچياۋ كەنتىدىكى ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزىدە، ياشانغانلار شاھمات ئوينىماقتا.  شياۋ بېنشياڭ فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لوياڭ شەھىرى جيەنشى رايونى چۇڭچىڭ يولى كوچا باشقارمىسى 2-مەھەللىسىدىكى لېياڭجۈ مۇلازىمەت مەركىزى «قويۇق تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى . بەختلىك قوشنىدارچىلىق مېھرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، مەھەللىدىكى پىدائىيلار 20 نەچچە ياشانغان كىشى ئۈچۈن مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش زىياپىتى، كوللېكتىپ تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشى ۋە سەرخىل ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىدى.   خۇاڭ جېڭۋېي فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چىنخۇاڭداۋ شەھىرى خەيگاڭ رايونى خەيياڭ بازىرىدىكى بىر ساغلاملىقنى ئاسراش مەركىزىدە، خىزمەتچى خادىم موماينى يېتەكلەپ «تەلەي سىناش» ئويۇنى ئوينىماقتا.   ساۋ جيەنشيۇڭ فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

فۇجيەن ئۆلكىسى نەنئەن شەھىرى جىنتاۋ بازارلىق ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە، پىدائىي ياشانغانلارغا دۇمباق چېلىشنى ئۆگەتمەكتە.   شيې گۇيمىڭ فوتوسى (سۈرەتتىكى جۇڭگو)

    باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر جەمئىيەتنىڭ بەختلىك ياكى بەختلىك ئەمەسلىكىدە، ئەڭ مۇھىمى ياشانغانلارنىڭ بەختلىك ياكى بەختلىك ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك» «مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى مۇۋاپىق تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش كېرەك».
    مەدەنىيەت-تەنتەربىيە قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ياشانغانلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا تېخىمۇ بىخەتەر، قولايلىق مۇھىت يارىتىپ بېرىلدى؛ كۆپ خىل پائالىيەتلەر تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلۇپ، ياشانغانلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلدى؛ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ياشانغانلارغا كۆيۈنىدىغان ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىنىپ، پىدائىيلار تەشكىللىنىپ ياشانغانلارغا مۇلازىمەت يەتكۈزۈلدى، غەمخورلۇق يەتكۈزۈلدى... دۆلىتىمىز ياشانغانلارغا دوستانە بولۇش تىپىدىكى جەمئىيەتنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ راھەت قىلدى، تېخىمۇ ئازادە قىلدى.
    ياشانغانلارغا دوستانە بولۇش تىپىدىكى جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا، تېخىمۇ مۇھىمى ياشانغانلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، ھەرقايسى جايلار ئەسلىھەلەرنى كۆپەيتىپ، فۇنكسىيەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك ئىستىراھەت پائالىيەتلىرىنى سورۇن بىلەن تەمىنلەپ، تەشكىلىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى، پىدائىيلار ئەترىتى قۇرۇپ، ياشانغان قوشنىلار، كونا قوشنىلارنىڭ ئىشىكتىن چىقىپ، بىر يەرگە جەم بولۇپ كۆڭۈل ئېچىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. ھەر خىل مول، رەڭدار ياشانغانلار پائالىيەتلىرى ياشانغانلارنى ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلىدىغان، ياشانغاندا خۇشاللىقى بولىدىغان شارائىتقا ئىگە قىلدى. پۈتكۈل جەمئىيەت بىرلىكتە تىرىشىپ، ياشانغانلارنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ مۇلازىمەت تاللاشلىرىنى كۆپەيتىپ، ياشانغانلارنىڭ بەختلىك ئائىلىسىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقايلى. 

(«خەلق گېزىتى» مۇخبىرى لى چاڭيۈ)
(«خەلق گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى)


مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت