شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
پۈتۈن دۇنياغا بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلغان گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلايلى
يوللانغان ۋاقىت :2023-05-26 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

قىزىل رەڭنىڭ گۈزەللىكى، ئاق رەڭنىڭ ساپلىقى، كۆك رەڭنىڭ نەپىسلىكى، بىنەپشە رەڭنىڭ ئېسىللىقى، جۈزە رەڭنىڭ ھاياتىي كۈچى... ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىقتا گۈللەر بەس - بەستە پورەكلەپ ئېچىلدى، گۈل - گىياھلار بىلەن پۈركەنگەن 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان شىنجاڭ تۇپرىقىدا، گۈللەر گۈزەللىكى تولۇق نامايان قىلىنىپ، ھاياتىي كۈچ ۋە ئۈمىدكە تولغان جۇشقۇنلۇق ئۇرغۇپ تۇراتتى.

يول بويى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەرنى قوغلىشىپ، يول بويى ئاۋات مەنزىرىلەرنى كۆرۈڭ! مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان «تۆت پەسىلدە شىنجاڭغا نەزەر» بويىچە «گۈللەرنى قوغلىشىپ شىنجاڭنى كۆرۈش» چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتىدە، مەركەز، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە (بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭدىكى 20دىن ئارتۇق تاراتقۇدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق مۇخبىر ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىلى، تارباغاتاي، خوتەنگە چوڭقۇر چۆكۈپ، سەپەر شەكلىدىكى خەۋەر قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلغان گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلدى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى. قورغاس ناھىيەسىنىڭ جۇڭخۇا فۇشوۋشەن تېغىدىكى تاغ گۈللىرى كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل ئىدى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مو يەردىكى قىزىلگۈللۈك ئەتراپقا خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى... ھالبۇكى، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقتا رەڭدار گۈللەرلا ئەمەس، يەنە تىپتىنىچ كۆللەر، ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان دەريالار، ياپيېشىل ئوتلاقلار، ئاپئاق قارلىق چوققىلار، كۆپكۆك ئاسمان بار. ئاجايىپ، ھەيۋەتلىك، گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسى شىنجاڭنىڭ بەختى، ھەر مىللەت ئامما مۇھىتنىڭ خەلق تۇرمۇشى، ياپيېشىل تاغلارنىڭ گۈزەللىك، كۆك ئاسماننىڭ بەخت، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېشىل ئېكولوگىيەنى ئەڭ چوڭ بايلىق، ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك، ئەڭ چوڭ داڭلىق ماركا دەپ بىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، بىر - بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى. كىچىككىنە تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخار پىششىقلىنىش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان «ئالتۇن يوپۇرماق»قا ئايلاندى، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سېلىنما گۇرۇھى لوپ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇياش نۇرىدىن «بايلىق ھاسىل قىلدى»، خوتەن كەچلىك بازىرىدىكى مەززىلىك تائاملار جاي - جايلاردىن كەلگەن «قورساققا ئامراق كىشىلەر»نى قانغۇچە يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى... ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بارلىققا كەلدى، يوشۇرۇن كۈچى قويۇپ بېرىلدى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك، كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈمىدكە تولغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلالايدۇ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىن ئېنېرگىيە بايلىقى تەرەققىياتىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقىچە، ئاندىن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقىچە، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە شىنجاڭ ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتمەكتە.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا مەدەنىيەت گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى. يوتقان قەدىمىي شەھىرىگە كىرىپ يىپەك يولىدىكى قەدىمىي ئۇدۇننىڭ ئاۋات مەنزىرىسىنى ھېس قىلىش؛ لەرزان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ماي بوياق رەسىم شەھەرچىسىنى زىيارەت قىلىش... شىنجاڭ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، شەرق - غەرب مەدەنىيىتى ئۇچراشقان جاي، مەيلى مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان ئاز ئۇچرايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بولسۇن، ياكى جانلىق شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھەر خىل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بولسۇن ۋە ياكى جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مىڭ يىللىق بۇددا ئىبادەتخانىسىدىكى تام رەسىملەر بولسۇن، ھەممىسى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ماتېرىيالى. شىنجاڭ ئىجادىي ئايلاندۇرۇش ۋە ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى گېنى ۋە تومۇرى مۇجەسسەملەنگەن بۇ مەدەنىيەت - مەدەنىيلىك گۈللىرىنى ياخشى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگولۇق بولۇش ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشكە تېخىمۇ ياخشى يېتەكلىمەكتە.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بەخت، ئىناقلىق، گۈزەللىك گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى. چوڭ - كىچىك كوچىلارنى ئارىلىغاندا، تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايلار مۇخبىرلاردا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ئىچ - ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان تەبەسسۇم قەلبىدىكى بەخت، ئىناقلىق، گۈزەللىكتىن كەلگەنىدى. بەخت، ئىناقلىق، گۈزەللىك مائارىپ ۋە داۋالىنىشنىڭ ئادىللىقىدىن كەلگەن، «يانچۇقى توم، روھى كۆتۈرەڭگۈ» بولۇشتىن كەلگەن، ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان قانائەتلىنىشتىن كەلگەن، ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ تېخىمۇ يېتەرلىك، بەخت تۇيغۇسىنىڭ تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىدىن كەلگەن. بەخت، ئىناقلىق، گۈزەللىك ماددىي تۇرمۇشنىڭ باياشات بولۇشىدا ئىپادىلىنىپلا قالماي، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدىمۇ نامايان بولدى. شىنجاڭدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى − ئەڭ تەسىرلىك ھېكايە، ئەڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىم. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى دائىم پورەكلەپ ئېچىلدى، ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى.

تاراتقۇ خىزمەتچىلىرىنىڭ نەزەرىدە، شىنجاڭ ياخشى خەۋەر چىقىدىغان «بايلىق كانى». گۈللەرنى قوغلىشىپ شىنجاڭنى كۆرۈش، چوڭقۇر چۆكۈپ ئۆزگىرىشلەرنى بايقاش، ئاممىغا يېقىنلىشىپ، كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، جاسارەتنى ئۇرغۇتقاندىلا، تۇرمۇش پۇرىقى، تەرەققىيات تومۇرى، دەۋر مېلودىيەسىنى يېزىپ چىقىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى دۇنياغا نامايان قىلغىلى بولىدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت