شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
تەپەككۇر يېڭىلانسا يول كېڭىيىدۇ
يوللانغان ۋاقىت :2023-05-26 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​− شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغانلىقىغا نەزەر (2)

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

ئەتىياز ئاخىرلىشىپ ياز باشلاندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، ھەممە جاي ھاياتىي كۈچكە تولدى. تارىم ئويمانلىقىدا، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش بويىچە قۇدۇق بۇرغىلاش ئۈزلۈكسىز يەرشارىنىڭ چوڭقۇر قىسمىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئاسىيا رېكورتىنى بىر - بىرلەپ يېڭىلىدى؛ تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تونېلى − تىيانشان غالىبىيەت تونېلى تېز سۈرئەتتە قېزىلدى؛ جۇڭغار ئويمانلىقىدا، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كۆمۈر كانلار تېز سۈرئەتتە قېزىلىپ، بىر پارچە ھەيۋەتلىك زامانىۋى سانائەت يۆگىمە رەسىمىنى نامايان قىلدى.

مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، شىنجاڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى.

سۈپەت كۆزلەندى، سۈپەت ئۈنۈمى تېخىمۇ جۇلالاندى

پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا بۇرۇلدى، مىقداردىن سۈپەتكىچە بولغان ھالقىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەڭ چوڭ دەۋر تېمىسى.

دەۋر جاۋاب قەغىزىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن، شىنجاڭ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، سىستېمىلىق پىلانلاش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇردى. بۇ يىل 3 - ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون كەينى - كەينىدىن ئۈرۈمچى - قاراماي - سانجى، جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى نەق مەيدان يىغىنىنى ئېچىپ، يېڭى مۇساپىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن ياخشى ۋەزىيەت ياراتتى.

«تۆت بۆلەك رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى نەق مەيدان يىغىنىدا مەسىلىلەر دەل جايىدا تېپىپ چىقىلدى، مەزمۇن ئەمەلىي پىلانلاندى، تەدبىرلەر ئىنچىكە تاللاپ چىقىلدى، بۇ، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق ئىپادىلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئىقتىسادشۇناسلىق ئوقۇتۇش - تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى تەن يۇڭشيەن مۇنداق بىلدۈردى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرقايسى جەھەتلەردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بولۇپ، ئوخشاشلا ھەرقايسى جەھەتلەردە يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشقا موھتاج.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات. «شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سۈپىتى ناھايىتى ياخشى بولدى، بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى ئارقىلىق، سۈپەتتە يەنە تېخىمۇ يارقىن ئالاھىدىلىك نامايان بولدى.» شىنجاڭ داشۆ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنى، شىنجاڭ ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى خەن لىنجى مۇنداق بىلدۈردى: ئىقتىسادى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان شىنجاڭ «ساقلاپ تۇرالماسلىق»تەك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، «سۆرەلمىلىك قىلىشقا بولماسلىق»تەك كىرىزىس تۇيغۇسى، «ئولتۇرالماسلىق»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئارقىلىق، بۇلتۇردىن بۇيان پەسىل بويىچە مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇ يىلغا كەلگەندە بۆلەك رايونلارغا بۆلۈپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە ياراتقانلىقى ۋە ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق ياراتقانلىقىنى نامايان قىلدى.

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇردى. شىنجاڭ رەسىم - قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەق مەيدان يىغىنىنى تۆت بۆلەك رايونىغا ئايرىدى، بۇنىڭدا بۆلەك رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان بۆلەك رايونلارنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئاساسى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان بۆلەك رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ پىكىر يولى، تەدبىرى، ئۇسۇلى، يولى، مۇھىم، زور خىزمەتلىرىنى پىلانلاش مەقسەت قىلىندى. يىل ئوتتۇرىسىغا يېقىنلاپ قالغاندا، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى ئومۇمىي تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە غايەت زور جەلپ قىلىش كۈچىنى نامايان قىلدى.

ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىشەنچنى چىڭىتتى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ دەۋر جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىدە، شىنجاڭنىڭ قىيىنچىلىقلارغا قارشى ئالغا ئىنتىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ. «بىز بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تېپىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يارقىن سۈپىتىنى جۇلالاندۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى تەن يۇڭشيەن.

ئەۋزەللىكلەر كۈچەيتىلدى، خاسلىق تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى

كەسىپ تەرەققىياتنىڭ ئاساسى ۋە ئۇلى، كەسىپ تىرىكى بولمىغان تەرەققىيات قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ.

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى كەسىپتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئىقتىسادشۇناسلىق ئوقۇتۇش - تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى ۋۇ جۈەن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى.

ھازىر، شىنجاڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشقا تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تىرىكى. «كەسىپلەر توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىش رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى كۆزىتىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم كۆرسەتكۈچ.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئىقتىسادشۇناسلىق ئوقۇتۇش - تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى جياڭ شياۋفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: كەسىپلەر توپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش رايوننىڭ رىقابەت كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم يول.

ئەلا سۈپەتلىك كۆمۈر بايلىقىغا تايىنىپ، ئارا تۆرۈك سانائەت باغچە رايونى نوم كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئايلانما ئىقتىساد كەسىپلەر رايونى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، باغچە رايونىغا تۈرلۈك كارخانىدىن 58نى توپلاپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىن يۈرۈشلەشكەن، ماسلاشقان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. بىر پارچە كۆمۈردىن سۈپەت ۋە دەرىجىگە ئايرىپ پايدىلىنىش ئارقىلىق مېتانول، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز، پولىپىروپىلېن، فورمالىن، فېنول مېيى، يېنىك نېفىت، مېتىل دى سۇلفىد قاتارلىق نەچچە ئون خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقاردى، يەنە قويۇپ بېرىلگەن كاربون (IV) ئوكسىدىنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋېلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى نېفىتلىككە توشۇپ خام نېفىت قېزىشقا تۈرتكە بولدى. ئاخىرىدا، بىر پارچە كۆمۈر باغچە رايونىدا «تولۇق ھەزىم قىلىنىپ»، بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ئايلانما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

بايلىق ئەۋزەللىكىدىن باشقا، شىنجاڭ يەنە گەۋدىلىك رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە ئىگە.

بۇلتۇر، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش داغدام يولى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك.

شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى رېن چۇنلو مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پائال تۈردە ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلدى، مەملىكەت بويىچە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتا بەرپا قىلدى.

پورت سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى. «شىنجاڭدا سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن پورتلار كۆپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولىنى <ئالتۇن قىممەت>نى نامايان قىلىش، <ئالتۇن ئۈنۈم>نى يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.» ۋۇ جۈەن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ قاتلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك.

پورت سودىسىنىڭ بىرلا خىل «يول ئىقتىسادى»دىن «پورت ئىقتىسادى»، «كەسىپ ئىقتىسادى»غا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. ھازىر، ئالاتاۋ، قورغاس قاتارلىق پورتلار پورت «قاتتىق»يولى ۋە ئېچىۋېتىش «يۇمشاق»سۇپىسى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق «يول ئىقتىسادى»دىن «ماكانلاشقان ئىقتىساد»قا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلەتمەكتە.

شىنجاڭ ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش يولىدا ئۈزلۈكسىز تۈردە «دوستلار چەمبىرىكى»نى كېڭەيتتى، «دوستلار چەمبىرىكى»نى قويۇقلاشتۇردى.

2023 - يىلى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. 3 - ئاينىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئۈچۈن جانلىق دەۋر ئىزاھاتى پۈتۈپ چىقتى.

5 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بىر قاتار ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلدى. «بۇ ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشلىرى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا جەزمەن يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.» شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شى لەن مۇنداق بىلدۈردى: ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق بوشلۇقى بارغانسېرى كېڭىيىدۇ.

ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى

تەرەققىيات جەريانىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىسلاھاتتا.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئالتە چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىسلاھاتنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ ئىسلاھاتلارنىڭ ھەممىسىدە ئىش شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاچقۇچلۇق نۇقتىلاردىن باشلىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى قىيىن نۇقتا، ئامما ئىنكاس قىلغان ئاغرىق نۇقتا، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان توسۇق نۇقتىغا قاراپ مەركەزلىك كۈچەلدى.

«بۇ ئالتە چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىسلاھات تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇسىنى ھەل قىلىش، رىقابەت ئەۋزەللىكىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى(ئىسلاھات ئىشخانىسى)نىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئىسلاھات جەزمەن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ كۆپ يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

نۇرغۇن ئىسلاھات ساھەلىرىدە، شىنجاڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇشنى بوشاشتۇرمىدى، 2022 - يىلى 11 - ئايدا، شىنجاڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يولغا قويۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2022 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت نىشانى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۆلەت كارخانىلىرى دادىل ئىشلەيدىغان، پۇقراۋى كارخانىلار دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان، چەت ئەل كارخانىلىرى دادىل مەبلەغ سالىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، بۇ يىل 2 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايون كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە بازار ھاياتىي كۈچى بېغىشلىدى.

تىجارەت - سودا مۇھىتى «يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ» بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ «مۇستەھكەم تىرىكى».

ھازىر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادقا كۈچىمەكتە، تەرەققىياتقا كۈچىمەكتە. كارخانىلارنىڭ دادىل ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىش - قىلالماسلىقىدا تىجارەت - سودا مۇھىتى ئاچقۇچ؛ ئىقتىسادقا كۈچەش ئەمەلىيەتتە تىجارەت - سودا مۇھىتىغا كۈچىگەنلىك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى «بىرىنچى نومۇرلۇق» قۇرۇلۇش ۋە «بىرىنچى قول رەھبەر» مەسئۇل بولىدىغان قۇرۇلۇش سۈپىتىدە تۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ باھاسىنى بىرىنچى باھا، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەسىراتىنى بىرىنچى تەسىرات قىلىپ تىجارەت - سودا مۇھىتىغا باھا بېرىشتە چىڭ تۇردى.

رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا. 2022 - يىلى 9 - ئايدا، شىنجاڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشى لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، «رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان» رەقەملىك ھۆكۈمەتنى تېز بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قاراماي شەھىرى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش داۋامىدا تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. ئالدىنقى بىرنەچچە يىلدا «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى بىر جەدۋەل» قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، ھازىر يەنە «15 مىنۇتلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت چەمبىرىكى» بەرپا قىلىپ، «ئىسپات كەتمەيدىغان شەھەر» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرىنى تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، رايون خاراكتېرلىك تىجارەت - سودا مۇھىتى بەلگە خاراكتېرلىك شەھىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇسابىقە يولىدا رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئەگىم يولدا يانداپ ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم يول.» تەن يۇڭشيەن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق ئىستېمال بازىرىدىن يىراق بولغاچقا، تىرانسپورت تەننەرخى يۇقىرى بولۇشتەك پايدىسىز ئەھۋال مەۋجۇت، لېكىن رەقەملىك كەسىپ دەل ئارىلىق چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، پايدىسىز ئەھۋالنى تولۇقلىدى.

يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، تەدبىردە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش...» تەن يۇڭشيەن مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سۈپىتى بارغانسېرى ياخشى بولدى. ئاپتونوم رايوننى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، شىنجاڭ تەدبىردە يېڭىلىق يارىتىپ، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، « 5 + 2 » نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى ئېچىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توپلىدى.

ئىشەنچ مۇجەسسەملەندى، مەنزىرە تېخىمۇ گۈزەل بولدى

تەرەققىيات كىم ئۈچۈن؟ تەرەققىياتتا كىمگە تايىنىمىز؟ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يادروسى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، لېكىن ئۇ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا باراۋەر ئەمەس، ئۇ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىپادىلىنىشى كېرەك.» خەن لىنجى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولدى.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىقتىساد، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالىنىش، قاتناش، تۇرالغۇ، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى نامايان قىلىنىپ، خەلق ئاممىسى ئەمەلىي، ئومۇميۈزلۈك، ئىستېرېئولۇق ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىندى.

شەرقىي قىسىمدىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى كەينى - كەينىدىن كىرگۈزۈپ قوبۇل قىلدى. «ئۆيدە ئۇخلاش كىيىمى كىيىپ ئولتۇرۇپ پايپاق توقۇپمۇ پۇل تاپالايدىغانلىقىمنى ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.» بىڭتۇەن 3 - شى 42 - تۇەنىنىڭ خىزمەتچىسى خې شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: مەن ھازىرقى تۇرمۇشۇمدىن تولىمۇ رازى، ھەم ئائىلەمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن، ھەم مۇقىم كىرىمىم بار.

خې شياۋخۇڭ توقۇغان پايپاقلىرىنىڭ ھەممىسىنى شىنجاڭ تاڭجىن توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، بۇ شىركەت 2020 - يىلى تۇمشۇق شەھىرىگە ماكانلاشقان پايپاقچىلىق كەسپىدىكى باشلامچى كارخانا بولۇپ، «باش ئىشتاب + ئائىلىۋى ھۈنەرخانا + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، خىزمەتچىلەرنى يېقىن ئەتراپتا ياكى ئۆز ئائىلىسىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ھازىر 800 «ئائىلىۋى ھۈنەرخانا» بىڭتۇەن 3 - شىنىڭ بارلىق تۇەن - مەيدانلىرى ھەم ئەتراپتىكى ئاقتۇ ناھىيەسى، پوسكام ناھىيەسى قاتارلىق جايلارنى قاپلىدى. «نۆۋەتتە كۈنىگە 2 مىليون جۈپ پايپاق ئىشلەپچىقىرىۋاتىمىز.» شىنجاڭ تاڭجىن توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ ۋېنماۋ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز 3600دىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، يىل ئاخىرىغىچە بۇ ساننى 5000 كىشىدىن ئاشۇرۇشنى مۆلچەرلەۋاتىمىز.

«ياشانغانلار، بالىلار» مەسىلىسى خەلق تۇرمۇشىنىڭ باش - ئاخىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق، «شەپەق»نى تېخىمۇ قىزىللىققا پۈركەپ، «تاڭ قۇياشى»نى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى. مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مورى بازىرى 2019 - يىلىلا ئاقىل ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇپىسى قۇرۇپ، 60 ياشتىن ئاشقان بارلىق ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىق ئارخىپى ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈپ، ياشانغانلارنى دەل جايىدا بولغان ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. مورى بازىرىنىڭ يىنبىن مەھەللىسى ئاقىل ساغلاملىق ياشانغانلار كۈتۈنۈش قۇرۇلۇشىنى باشلامچىلىق بىلەن نۇقتىدا سىناق قىلىپ، مەھەللە ئاشخانىسىنى ياشانغانلارغا ئېچىۋېتىپ، 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا ھەر كۈنى ئەتىگەن، چۈش ۋە كەچلىك تاماق ياردەم پۇلى بەردى. ھازىر نۇرغۇن ياشانغان كىشى مەھەللىنى ئۆز ئائىلىسىدەك كۆرۈپ، ھەر كۈنى بالدۇرلا مەھەللە پائالىيەت ئۆيىگە كېلىپ پاراڭلىشىپ، شىچۈ تىياتىرى ئورۇنلاپ، قارتا ۋە شاھمات ئويناپ، كۈنلىرىنى خۇشال ئۆتكۈزىدىغان بولدى.

تەرەققىياتتا خەلق كۆزلەندى، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىلدى، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئورتاق بەھرىلەندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جەزمەن ماس قەدەملىك ئېففېكىتنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ. «ئىشەنچ ئالتۇندىنمۇ مۇھىم، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات كۈچلۈك ئىشەنچىنى مۇجەسسەملىسەك، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات مەنزىرىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ» دەپ بىلدۈردى خەن لىنجى.

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، مۇساپە باشلاندى. شىنجاڭ «خەلقنى مەركەز قىلغان» يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل ئارزۇنى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ يېتەرلىك بولۇش، بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلماقتا.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت