شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئېنىق تەلەپ قىلدى! ئۆيلەرگە بىر- بىرلەپ كىرىپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلىدۇ
يوللانغان ۋاقىت :2023-05-25 |   ئاپتور :   |   مەنبە : ئانار بۇلۇت

  يېقىندا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-سىن يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يەرلىكتىن يېقىلغۇ گاز رېزىنكە شىلانكىسىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تېزدىن رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تۈزەشنى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆيلەرگە بىر- بىرلەپ كىرىپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشىنى، شەھەر- بازارلاردىكى يېقىلغۇ گاز ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ رېزىنكە شىلانكا ئىشلىتىشى ھەم رېزىنكە شىلانكىنىڭ كونىراپ كېتىش، لاياقەتسىز بولۇش قاتارلىق بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ئەھۋاللىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىشىنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ھەرقايسى جايلار ئۆز رايونىنىڭ يېقىلغۇ گاز رېزىنكە شلانكىسىنى ئالماشتۇرۇش خىزمەت پىلانىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، بۇنى شەھەر يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىلىرىنىڭ كونىرىغانلىرىنى يېڭىلاپ ئۆزگەرتىش ۋە شەھەر- بازارلارنىڭ يېقىلغۇ گاز بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان رېزىنكە شلانكىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى كېرەك.

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى يەنە ھەرقايسى جايلاردىن قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە يېقىلغۇ گاز تىجارىتى كارخانىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئۆيلەرگە كىرىپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشى ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. يېقىلغۇ گاز تىجارىتى كارخانىلىرى يېقىلغۇ گازنىڭ ئۆي ئىچىدىكى رېزىنكە شلانكىسى ئەھۋالىنى چوقۇم تەكشۈرۈش مەزمۇنى قىلىپ، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق گاز ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يېقىلغۇ گازنى بىخەتەر ئىشلىتىشىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئىگىلىشى؛ يېمەك- ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلاردىن تىجارەتنى بىر مەزگىل توختىتىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىرىگە قارىتا جەزمەن يېقىلغۇ گاز شلانكىسىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى قاتارلىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى قىلىشى، بىخەتەر گاز ئىشلىتىشىنى ماس قەدەمدە ئەسكەرتىشى كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: «مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە- ئىقتىساد» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى


مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت