شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
نەزەرىيە ئۆگىنىشتە «قۇدۇق قېزىش» ماھارىتىنى ئىشقا سېلىش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-05-18 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە⑤

□شىن شىجيەن

كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ كوللېكتىپ ئۆگىنىش، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىشقا تەشكىللەش، پىلان تۈزۈپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش، مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىش... ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 ـ تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان ئورۇنلار كۆپ خىل شەكىلنى قوللىنىپ نەزەرىيە ئۆگىنىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. بۇ جەرياندا، بولۇپمۇ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ «قۇدۇق قېزىش» ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، كۆڭلىنى توختىتىپ، زور ئىجتىھات بىلەن تىرىشىپ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ قوبۇل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

«قۇدۇق قازغۇچىلار 10 مىڭ گەز چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇق قېزىشنىمۇ تۇنجى كەتمەن سېلىشتىن باشلايدۇ»، بۇ سۆز جەنۇبىي ـ شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى شىمالىي چىدىكى ليۇ جوۋنىڭ «ليۇزى . ئىلىم تەھسىل قىلىش» دېگەن ئەسىرىدىن ئېلىنغان بولۇپ، قۇدۇق قازغۇچىلار ناھايىتى تېيىز ئورەك كولاشتىن باشلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا 10 مىڭ گەز چوڭقۇرلۇقتا قۇدۇق قازىدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش خۇددى «قۇدۇق قېزىش»قا ئوخشايدۇ، پەقەت ھادىسىدىن ماھىيەتكە، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، توختىماي چوڭقۇر قازغاندىلا، ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا ھەقىقەتنىڭ «تاتلىق بۇلاق» سۈيىنى تېتىغىلى بولىدۇ.

نەزەرىيە ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشتە، قىممەتلىك يېرى چوڭقۇر، ئۈزۈل ـ كېسىل بولۇشتا. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى بىلدۈردىكى، نەزەرىيە ئۆگىنىش چوڭقۇر، ئۈزۈل ـ كېسىل بولمىسا، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى بولمايدۇ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ.» شۇنىڭ ئۈچۈن، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە شەكىلگە ئەھمىيەت بېرىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، «مىقدار»غا ئەھمىيەت بېرىش، تېخىمۇ مۇھىمى «سۈپەت»كە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئۆگىنىشتە شەكىلۋازلىق، ياسالمىلىق قىلىش، سىستېمىلىق، چوڭقۇر بولماسلىق، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى ئايرىۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، «قۇدۇق قېزىش» ماھارىتى ئارقىلىق نەزەرىيە ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە چوڭقۇر ھەقىقەت كۈچى، ئەمەلىيەت كۈچى، كىشىلىك پەزىلەت كۈچى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ ئىدىيەنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال. پەقەت تولۇق ئىگىلەپ، دەل جايىدا چۈشىنىپ، سىستېمىلىق ئىزچىللاشتۇرغاندىلا، ئاندىن ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيەنىڭ كۈچىنى تولۇق نامايان قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مەسىلىلەرگە قاراش، تەدبىر بەلگىلەش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش يەنىلا كونا قاراش، كونا يول، كونا ئۇسۇل بويىچە بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق بولغاندا دەۋرگە يېتىشەلمەيلا قالماي، يەنە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىمىز، خىزمەتلەرگە دەخلى يەتكۈزۈپ قويىمىز.

ئۆگىنىش قانچە چوڭقۇر بولسا، بىلىش شۇنچە ئېنىق بولىدۇ، ھەرىكەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ. يولداش ماۋ زېدۇڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېگەن: «جۇڭگودا، ئەسلىدە كىتاب ئوقۇش ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش دېيىلەتتى، ماركسىزمنى ئۆگىنىش ماركسنىڭ داۋلىسىنى ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش دېگەنلىكتۇر، ئەگەر سىز ماركسنىڭ داۋلىسىنى ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىشىڭىز كېرەك». شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، پەقەت «ئىجتىھات بىلەن ئاخىرغىچە ئۆگىنىش» روھى، «يەنى ياغاچچىنىڭ ياغاچ تەشكىنىگە ئوخشاش <ئىجتىھات> بىلەن ئىش كۆرۈش»تە چىڭ تۇرغاندىلا، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە بوشاشماي چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن بۇ مۇھىم ئىدىيەدىكى مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل، داۋلى، ئىلمىي قائىدە، پەلسەپىۋى قائىدىلەرنى ئىگىلەپ، سۆزنى چۈشىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى مەنىسىنى چۈشىنىش، ئىشنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى چۈشىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى ماھىيىتىنى چۈشىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىگە بولغان سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

نەزەرىيە ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇر، ئۈزۈل ـ كېسىل بولغان ـ بولمىغانلىقى تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا ئەمەلىيەت ئارقىلىق سىنىلىدۇ. ئەگەر مەسىلە ئېڭى، ئەمەلىيەت يېتەكچىلىكى بىلەن ئۆگەنمىسە، چوڭقۇر نەزەرىيە بىلەن جانلىق ئەمەلىيەتتىن «خىمىيەلىك رېئاكسىيە» ھاسىل قىلدۇرمىسا، پەقەت «ئىككى پۇتلۇق كىتاب ئىشكاپى»غا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ بىزدىن نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا بىلىم كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاپ، پىكىر يولى چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش داۋامىدا خىزمەت ئېنېرتسىيەسىدىن قۇتۇلۇپ، يولغا تايىنىۋېلىشنى تۈگىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ياخشى ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت