شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن تېلېگرامما ئەۋەتىپ ئەنگلىيە پادىشاھى چارلېس Ⅲ ۋە خانىش كامىللاغا تاج كىيدۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-05-08 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگرامما ئەۋەتىپ ئەنگلىيە پادىشاھى چارلېس Ⅲ ۋە خانىش كامىللاغا تاج كىيدۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى دۇنيا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، خەلقئارا جەمئىيەت نۇرغۇن مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە، ئۇزاق مەزگىللىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بىلەن تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت تارىخ ئېقىمىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئەنگلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، خەلقنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىم، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان جۇڭگو - ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

مەنبە:


مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克