شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-05-04 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

ما شىڭرۇي سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك

5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى شىنتې ئېنېرگىيە شىركىتىدە ئالاقىدار خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىماقتا. □ۋاڭ كۇنلۇن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، سانجى، 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا كېلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىياللارغا ئالاقىدار كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرى ياسىمىچىلىقى، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىياللار قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى.

ما شىڭرۇي دۇڭفاڭ ئېلېكتىرىك يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىق بازىسى، سانجى جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىگە كىرىپ، شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرى ياسىمىچىلىقى تۈر قۇرۇلۇشى، كارخانا تىجارىتىنى باشقۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى، ئىگىلىدى؛ شەرقىي جۇڭغار شيېشىن كىرېمنىي كەسپى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى شىنتې ئېنېرگىيە شىركىتىگە كىرىپ، ئالاقىدار خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، باغچە رايونى، كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى، تىجارىتى، يۇقىرى ساپلىقتىكى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي تۈرى قۇرۇلۇشى، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسىپلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تەرەققىياتى قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ما شىڭرۇي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: كارخانىلارنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنىڭ مول بايلىق ئەۋزەللىكى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، كەسىپلەر توپىنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئۈلگىسىنى نىشانلاپ، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى ۋە يېڭى ماتېرىيال كەسپىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چۆرىدەپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپلىرىنى بەرپا قىلىپ، كەسىپ ئاساسىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى قۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خاس ئەۋزەل ساھەلەرنى چۆرىدەپ، مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك. ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەش، كارخانىلاردىن چارە - تەدبىر سوراشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پائال ياردەم بېرىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە مۇھىم ئامىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، بولۇپمۇ كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克