شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى
يوللانغان ۋاقىت :2023-05-04 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

− «1 ـ ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن

ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ ئالىيجاناب، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل. «1 ـ ماي»دىن ئىبارەت ئەمگەكنى مەدھىيەلەيدىغان، ئەمگەكچىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىدىغان بۇ بايرامدا بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا سەمىمىي بەخت تىلەيمىز، ھەرقايسى سەپلەردىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

ئەمگەك ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈپ كۈچ. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يۈزمىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىنى تاماملاپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتىنى يارىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، بىرىنچى قاتاردىكىلەردىن بولۇشقا تىرىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، بوران ـ چاپقۇنغا پىسەنت قىلماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەجرى بىلەن «جۇڭگو ئارزۇسى . ئەمگەك ئەڭ گۈزەل»دىن ئىبارەت يېڭى سەھىپىنى پۈتۈپ چىقتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن، «ئىككىنى تىكلەش» پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل، بارلىق قىيىنچىلىق، خەۋپ ـ خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش، بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت، بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش تارىخىي مۇساپىسىدە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. پەقەت پارتىيە ۋە خەلق باشتىن ـ ئاخىر بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلىكتە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىشلىسىلا، ھەرقانداق بوران ـ چاپقۇن بىزنىڭ پولاتتەك ئىرادىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ھەرقانداق قىيىنچىلىق بىزنىڭ مەزمۇت قەدىمىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ دەۋر بۇرغىسى چېلىندى. خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، ئەمگەك بارلىق بەختنىڭ مەنبەسى. بېكىتىلگەن نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشتا جەزمەن خەلققە چىڭ تايىنىش، باشتىن ـ ئاخىر خەلقنى كۆزلەش، جەزمەن تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش، سەمىمىي ئەمگەك قىلىش، ئىجادىي ئەمگەك قىلىشقا تايىنىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، جەمئىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، پارتىيەمىزنىڭ جان ـ دىل بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىشتىن ئىبارەت تۈپ فاڭجېنىنى ئەستىن چىقىرىپ قويۇشقا، سۇسلاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئورنى ۋە رولىدىن تەۋرىنىشكە، ئۇنىڭغا سەل قاراشقا يول قويۇلمايدۇ.» يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن باشتىن ـ ئاخىر ئەمگەكنى قەدىرلىشىمىز، ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلىشىمىز، باشتىن ـ ئاخىر ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئىرادىسىدىن قايتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرىدىن ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىسىگە خاس قىياپەت بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش قىزغىن ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

يېڭى مۇساپىدە، كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ساقلاش كېرەك. ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتقا يۈزلەندى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بۇرۇنقىلار قىلىپ باقمىغان بىر تۈرلۈك ئىجادىي ئىش، مۇقەررەر ھالدا مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلەش تەس بولغان ھەر خىل خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا، جاپا ـ مۇشەققەت، توسالغۇلارغا، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنلارغا دۇچ كېلىدۇ. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى مۇھىتىدا يۈزبەرگەن چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئالدىدا، پارتىيە بايرىقى ئاستىغا «بىر پارچە قاتتىق پولات» بولۇپ ئۇيۇشۇپ، قەتئىيلىك بىلەن بەل قويۇۋەتمەي، ھەر خىل خەۋپ ـ خەتەردىن قورقماي، سالماق، تەمكىن بولۇپ ئىرادىنى ساقلاش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ پائال نەتىجە يارىتىش، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ دادىل كۈرەش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بەلگىلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا قاراپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان تۈپ كۈچ، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، باشتىن ـ ئاخىر پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى مۇستەھكەم تايانچ كۈچ بولۇشى كېرەك.

يېڭى مۇساپىدە كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئۇلۇغ ئىش ئۇلۇغ روھقا ئېھتىياجلىق، ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ خەلقتىن كېلىدۇ. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئىبارەت ئەمگەك ئەمەلىيىتى جەريانىدا تاۋلاپ شەكىللەندۈرگەن قىممەتلىك پەزىلەت، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بوران ـ چاپقۇنغا پىسەنت قىلماي، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەكنى ھۆرمەتلەش، بىلىمنى ھۆرمەتلەش، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەش، ئىجادىيەتنى ھۆرمەتلەش فاڭجېنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمگەكنىڭ شەرەپلىك، ئىجادىيەتنىڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى دەۋر كۈچلۈك ساداسىغا ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ ئىشلەش، ئىجتىھاتلىق ئادەم بولۇش، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشنى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيادىكى پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ جاپالىق مەشىق قىلىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، تېخنىكا ۋە ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمگەك قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجادىيەت يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

يېڭى مۇساپىدە ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىش كېرەك. يېڭى مۇساپە شان ـ شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر، ئۇدۇل يول يوق، پەقەت ئەمەلىي ئىشلەشلا بار. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش بەرپا قىلىشتا تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنى ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ھەممىسى قەدەمنى پۇختا ئېلىش، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە ئېھتىياجلىق. بۇ يىل پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق جەھەتتىكى ۋەزىپىلەر ئالدىدا، مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىشەنچنى چىڭىتىپ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جاپالىق ئەجىر ئارقىلىق ھاسىلاتقا ئېرىشىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، يېڭى مۇساپىدىكى ياخشى باشلىنىشنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ كۈچىيىپ، كۈرەش قىلىش روھى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادى تېخىمۇ قەتئىيلىشىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تارىخىي ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىق روھى ئۇرغۇدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، غەيرەت ـ شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ئىجاد قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈچ قوشۇپ، شان ـ شەرەپ كەلتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى شان ـ شەرەپ يارىتايلى، يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى بارلىققا كەلتۈرەيلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:


مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克