شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-05-04 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

«1 ـ ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى تېلېگراممىسى «1 ـ ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل. كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سەمىمىي ئەمگەك قىلىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ئەمگىكى ۋە ئىجادچانلىقىغا تايىنىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئەمگەك قىزغىنلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ غەم ـ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا چىن قەلبتىن ياردەم بېرىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمگەكنى قەدىرلەيدىغان، ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克