شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مەملىكەت سىرتىدا تۇنجى قېتىم قاتنىدى! دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ARJ21 تىپلىق رېئاكتىپ يولۇچىلار ئايروپىلانى ھىندونېزىيەدە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-04-24 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، ھىندونېزىيە لىڭيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 8B5112 نومۇرلۇق ARJ21 تىپلىق ئايروپىلانى ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتادىن ئۇچۇپ، ئىككى سائەتتىن كېيىن ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدىكى ۋۇلالاي خەلقئارا ئايروپورتىغا سىلىق قونۇپ، ھىندونېزىيەدە تۇنجى قېتىم ئۇچۇشنى تاماملىدى. شۇ كۈنى، جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ARJ21 تىپلىق رېئاكتىپ يولۇچىلار ئايروپىلانى جاكارتادىن بالى ئارىلىغا تۇنجى قېتىم ئۇچۇشنى تاماملاپ، رەسمىي سودا تىجارىتىگە كىرىشتۈرۈلدى.

    ئىلگىرىكى خەۋەر

    2022-يىل 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان، تولۇق مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ARJ21 تىپلىق تارماق لىنىيە رېئاكتىپ يولۇچىلار ئايروپىلانى مەملىكەت سىرتىدىكى تۇنجى خېرىدار ھىندونېزىيە لىڭيا ئاۋىياتسىيەسى(TransNusa)گە رەسمىي تاپشۇرۇلدى، بۇ، جۇڭگونىڭ رېئاكتىپ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى قېتىم مەملىكەت سىرتى بازىرىغا كىرىشى بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇش، «قوش ئايلىنىش» يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.  (خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

:مەنبە

مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克