شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مەركەز مالىيەسى 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ چۈشۈرۈپ، ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بىر قېتىملىق ياردەم تولۇقلىمىسى تارقاتتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-04-20 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

     مەركەز مالىيەسى يېقىندا 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ چۈشۈرۈپ، ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بىر قېتىملىق ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، قوللاپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغىدى.

     بۇ قېتىمقى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئوبيېكتى ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغۇچىلار بولۇپ، ئۆزى ھۆددە ئالغان يەردىن پايدىلىنىپ ئاشلىق تېرىغان دېھقانلار، ئوبوروت قىلغان يەردە ئاشلىق تېرىغان چوڭ ئائىلىلەر، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى ھەمدە ئاشلىق تېرىش-يىغىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدىكى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنىڭ ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغان ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ قولىغا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى رايونلار ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى ئالاقىدار ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىۋېرسال بېكىتىپ، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «ھەممىباب كارتا(كىنىشكا)» قاتارلىق ئۇسۇللارنى داۋاملىق قوللىنىپ، ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى ۋاقتىدا، تولۇق، دەل جايىدا تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە مۇخبىرى تيەن چىيۇڭ)

مەنبە:

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى


مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克