شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «مەركەزنىڭ پارتىيە ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش خىزمىتى يىرىك پىلان پىروگراممىسى (2023 - يىلىدىن 2027 - يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقاتتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-04-20 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

سىكاننېرلاپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «مەركەزنىڭ پارتىيە ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش خىزمىتى يىرىك پىلان پىروگراممىسى (2023 - يىلىدىن 2027 - يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «يىرىك پىلان پىروگراممىسى»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا مەركەزنىڭ پارتىيە ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش خىزمىتى يۇقىرى قاتلامدا لايىھەلەنگەن بولۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم ھۆججەت. «يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نىڭ تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلۇشى پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىش ئاڭلىقلىقى، قەتئىيلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دىققەتنى تۈزۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ يادروغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەزمۇنى ئىلمىي، تەرتىپى پۇختا، يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى مۇكەممەل، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك بولغان پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنغان پارتىيە ئىچكى نىزاملىرىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان، يولغا قويۇشقا بولىدىغان، ئەسقاتىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى يولغا قويۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام - تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى مىخ قېقىش روھى بىلەن چىڭ تۇتۇپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا نىزامغا ھۆرمەت قىلىشى، نىزامنى ئۆگىنىشى، نىزامغا رىئايە قىلىشى، نىزامنى قوللىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پولات قائىدىنىڭ كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش، مەنئى قىلىش بۇيرۇقلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى نامايان قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچكى نىزاملىرى بويىچە تۈر تۇرغۇزۇش، تەييارلاش، تەكشۈرۈش، قاراپ چىقىپ تەستىقلاش، چۈشەندۈرۈش، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەشۋىق - تەربىيە، نەزەرىيە تەتقىقاتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىشى، ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

«يىرىك پىلان پىروگراممىسى» بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن: بىرىنچى، «ئىككىنى قوغداش» تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىشى، بىردەك ھەرىكەتكە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئىككىنچى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە دائىر نىزام - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشى، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئۈچىنچى، پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا دائىر نىزام - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ تۆتىنچى، پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىغا دائىر نىزام - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش؛ بەشىنچى، پارتىيەنىڭ نازارەتچىلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر نىزام - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھوقۇقنى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى سىجىل ئۇرغۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش.

مەنبە:


مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克