مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 31-كۈنى جۇڭچې چاڭچۈن رېلىسلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ كارخانا ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ئېلېكترىك لەيلىمە تولۇق مۇھىم ئامىللىق سىناق سىستېمىسى تۇنجى قېتىم لەيلىمە قاتناشنى تاماملاپ، كېيىنكى قەدەمدىكى قۇرۇلۇشلاشتۇرۇشتا قوللىنىشقا ئاساس سالغان.
جۇڭچې چاڭچۈن رېلىسلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى قوشۇمچە ماگنېتلىق لەيلىمە قاتناش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى يۈ چىڭسۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ئېلېكترىك لەيلىمە قاتناش سىستېمىسى ئاپتوموبىل، رېلىس، ئۇلاپ توك بىلەن تەمىنلەش، قاتناش خەۋەرلىشىشى قاتارلىق سىستېمىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك، ئالاھىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك ۋە تۆۋەن ۋاكۇئۇملۇق تۇرۇبا يولى قاتارلىق ئىشلىتىش مەيدانلىرىغا ماس كېلىدىكەن، سائەتلىك يۈرۈش سۈرئىتى 600 كىلومېتىر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرىغا يېتىدىغان بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك، بىخەتەر، يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، راھەت ۋە مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەن.
دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان سائەتلىك سۈرئىتى 600 كىلومېتىرغا يېتىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ئېلېكترىك لەيلىمە تولۇق مۇھىم ئامىللىق سىناق سىستېمىسى تۇنجى قېتىم لەيلىمە قاتناشنى ئىشقا ئاشۇردى. (جۇڭچې چاڭچۈن رېلىسلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى پاي چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن)
بۇ قېتىم لەيلىمە قاتناشنى ئىشقا ئاشۇرغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ئېلېكترىك لەيلىمە سىستېمىسىغا مەجبۇرىي لەيلىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كونترول قىلىش ھاجەتسىز، لەيلىتىش ۋە يېتەكلەش بوشلۇقى چوڭ، لىنىيەگە ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، سۈرئەتنى تېزلىتىش بوشلۇقى چوڭ، ئاپتوموبىللارنىڭ جىددىي يۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك، بىخەتەرلىكى يۇقىرى. ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ئېلېكترىك لەيلىمە قاتناش سىستېمىسى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرلەر ئارا، تەرەققىي قىلغان ئىقتىساد چەمبىرىكى ئارىسىدىكى تېز سۈرئەتلىك تىرانسپورت يولىدىكى تاللاشقا ئايلىنىدۇ، شۇنداقلا دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇشنى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ۋە ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى قۇرۇشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان سائەتلىك سۈرئىتى 600 كىلومېتىرغا يېتىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ئېلېكتىرىك لەيلىمە تولۇق مۇھىم ئامىللىق سىناق سىستېمىسى تۇنجى قېتىم لەيلىمە قاتناشنى ئىشقا ئاشۇردى. (جۇڭچې چاڭچۈن رېلىسلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى پاي چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن)
بۇ قېتىمقى لەيلىمە قاتناش ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ماگنىت، تۈز سىزىقلىق ماس قەدەملىك سۆرەش، ئىندۇكسىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق سوۋۇتۇش قاتارلىق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ئېلېكترىك لەيلىمە قاتناش سىستېمىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىسىنى تولۇق دەلىللىدى، نۇرغۇن ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىمقى لەيلىمە قاتناش سىنىقىغا گۇۋاھ بولدى.
مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى