شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
خەلق گېزىتىدە «ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىش − شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا بايان» ئېلان قىلىندى
يوللانغان ۋاقىت :2023-04-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

سىكاننېرلاپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

4 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى نەشر قىلىنغان «خەلق گېزىتى»دە «ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىش − شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا بايان» تېمىلىق نۇقتىلىق خەۋەر ئېلان قىلىندى.

«ھازىردىن باشلاپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكى تارىخىي يوسۇندا بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى.» 3 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، بېيجىڭ خەلق سارىيى، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىنى قوزغىدى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: مۇشۇ پەيتتە، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا، ماشىنىلار گۈركىرەپ، مۇنارسىمان كىرانلار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى؛ سۇمۇرغ قانىتىنى يېيىپ تۇرغان گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا، ئېگىز ياسالغان چوڭ كۆۋرۈكلەردە گاۋتيې ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى؛ ئالەم بوشلۇقىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا، «ئالەم بوشلۇقىغا كاماندىروپكىغا چىققان» ئالەم ئۇچقۇچىلىرى پۈتۈن زېھنىنى قويۇپ، رەتلىك ۋە تەرتىپلىك ئىشلەۋاتاتتى... يىللارنىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن، دۇنيانىڭ شەرقىدىكى بۇ مۇنبەت تۇپراق گۈللەپ ياشنىدى؛ تولۇپ تاشقان ئۇلۇغۋار ئىرادە ئارقىلىق، يۈزمىليونلىغان خەلق پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ ھەم ئۇنى تولۇق تەتبىقلاپ، يېڭى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تىكلەپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتە يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. قەتئىي بوشاشماي بۇ ئىجادىي نەزەرىيە ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىردى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ، جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم يارايدۇ. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدا ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇش، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، جاھاننى قەلبكە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ ئىلمىي ئىدىيەنى غايىنى چىڭىتىدىغان، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلايدىغان ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: مەۋقەنى دەۋرنىڭ ئاساسىغا قويۇش، دەۋرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىش، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا، ئىلمىي نەزەرىيە ھەقىقەت كۈچى، ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلدى؛ خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، قىيىنچىلىق، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە، ئىلمىي نەزەرىيە مەنىۋى بايراق، ئىدىيەۋى قورال بولدى؛ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىشتا، ئىلمىي نەزەرىيە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، تۈپ قوللانما بولدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۆگىنىشكە تايىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى، شۇنداقلا مۇقەررەر ھالدا ئۆگىنىشكە تايىنىپ كەلگۈسىگە ئاتلىنىدۇ.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاش پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرما. پۈتۈن پارتىيە پات ئارىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىدۇ. ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشتا چىڭ تۇرۇش ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشنىڭ تۈپ كاپالىتى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى.

كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز!

مەنبە:


مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克