شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
دۇنيا قۇتراش- خامۇشلۇق كېسەللىكلەر كۈنىدە مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى
يوللانغان ۋاقىت :2023-04-03 |   ئاپتور :   |   مەنبە : ئانار بۇلۇت

    3- ئاينىڭ 30- كۈنى «دۇنيا قۇتراش- خامۇشلۇق كېسەللىكلەر كۈنى»، مۇخبىرنىڭ شاڭخەي شەھەرلىك 10- خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، قۇتراش- خامۇشلۇق كېسەللىكى بىر خىل ھەم قۇتراش كېسىلى قوزغىلىدىغان، ھەم خامۇشلۇق كېسىلى قوزغىلىدىغان دائىم كۆرۈلىدىغان روھىي توسالغۇغا ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئىكەن، تۇنجى قېتىم كېسەل قوزغىلىشى ياشلىقنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە كۆپ كۆرۈلىدىكەن. بىمارنىڭ مەيلى خامۇشلۇق كېسىلى كۆرۈلگەن مەزگىلىدە بولسۇن ياكى قۇتراش كېسىلى كۆرۈلگەن مەزگىلىدە بولسۇن، ئىككىلا كېسەللىك ئەھۋالى جەمئىيەت فۇنكسىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

    شاڭخەي شەھەرلىك 10- خەلق دوختۇرخانىسى روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى سۇڭ ئېنچاۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى دىياگنوز قويۇپ داۋالىغان قۇتراش- خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئارىسىدا، سىزغان رەسىمى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئىپادىلەيدىغانلار ئاز ئەمەس، پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئۇلارنىڭ سىزغان رەسىمىنىڭ مەنىسىنى يېشىپ كۆرۈپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى چۈشىنىپ ھەم ئۇلارغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مۇتەخەسسىسلەر يەنە دورا ئىشلىتىش، تەنھالىق قاتارلىق جەھەتلەردە تەكلىپ بەردى.

     بۇ رەسىمدە، بىر پارچە تۇتۇق ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدە بىر تال كىچىك دورا ھەمدە قىپقىزىل يېزىلغان «ئەركىنلىك» دېگەن خەنزۇچە خەت بار. بىمار گويا: «قاچان دورا يېمىسەم بولىدۇ؟ قاچان ئۆزۈمنىڭ ھېسسىياتىنى ئەركىن كونترول قىلالايمەن؟» دەپ سوراۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.

    دورا ئىشلىتىش توغرىسىدا −

    دورا بىلەن داۋالاش قۇتراش- خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، پۈتۈن كېسەللىك جەريانىنى قاپلايدۇ، جىددىي قوزغىلىش مەزگىلى، مۇستەھكەملەش مەزگىلى ۋە ساقلاش مەزگىلىگە بۆلۈپ داۋالاش كېرەك. دوختۇر بىخەتەر بولۇش، ئورتاق قاتنىشىش، ئۇنىۋېرسال داۋالاش، بىرلەشتۈرۈپ دورا ئىشلىتىش قاتارلىق پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، بىمارنى دورا بىلەن داۋالايدۇ، ئاساسلىقى روھىي ھالەتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى دورا، روھىي كېسەلگە قارشى دورا، خامۇشلۇققا قارشى دورىلارنى بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللايدۇ ۋە تەڭشەيدۇ. دورا بىلەن ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇپ داۋالاش ئىنتايىن مۇھىم، بۇنداق بولغاندا كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش قېتىم سانىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، لىتىي كاربونات (碳酸锂) ھېسسىياتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى دورا بىلەن داۋالىغاندا، پوستلاق ماددىسىنىڭ قېلىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدۇ، ھېسسىياتنى ئۇزاق مۇددەت تۇراقلاشتۇرغۇچى دورا بىلەن داۋالاش كېسەلنىڭ ئۇزاق مەزگىل ياخشى بولۇشىدا ئۇزاق مۇددەتلىك قىممەتكە ئىگە.

   بۇ رەسىمدە بىر كۆلەڭگە پەيدا بولدى، بىمار گويا: «مەن دائىم باشقىلار بىلەن ئوخشىمايمەن شۇنداقمۇ؟ مەن ئىنتايىن تەنھامۇ؟» دەپ ئىپادىلەۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.

    تەنھالىق توغرىسىدا −

    نۇرغۇن بىمار ئۆزىنى ئىنتايىن تەنھا، باشقىلار چۈشەنمەيدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، بولۇپمۇ خامۇشلۇق باسقۇچىدا، كەيپىياتى تۆۋەن بولۇپ، تەنھالىق، ئۈمىدسىزلىك ھېسسىياتى بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ قوللىشىغا تېخىمۇ موھتاج بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە داۋالاش يولىدا، بىمار ھەرگىزمۇ يالغۇز ئەمەس، دوختۇر، پىسخىكىلىق داۋالىغۇچى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى، يەنە كېسەلداشلىرىمۇ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا ھەمراھ بولىدۇ.

    تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئائىلە ئەزالىرى بۇ كېسەللىككە دائىر بىلىملەرنى قانچە كۆپ ئىگىلەپ، تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، مەنپىي بېسىمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ ھەم پىسخىكىسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئائىلىدە بىمارنى تېخىمۇ كۆپ جەھەتتىن قوللاپ ۋە ۋاقتىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئۇزاق مۇددەتلىك كېسەلنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىشىنى ئازايتىدۇ.

    بۇ پارچىلانغان تەبەسسۇم قىلىۋاتقان چىرايلاردىن، بىمار گويا: «بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، مەن جەمئىيەتكە قايتالمامدىم؟» دەپ سوراۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.

جەمئىيەتكە قايتىش توغرىسىدا −

    نۇرغۇن قۇتراش- خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار داۋاملىق داۋالىنىش، دورا ئىچىشنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا، خامۇشلۇق ياكى قۇتراش ھېسسىياتى ھۇجۇم قىلىپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك جەمئىيەت فۇنكسىيەسى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پەيتلەرمۇ بولىدۇ، لېكىن، يەنىلا ئوقۇشتا، خىزمەتتە، بىلىم ئىگىلەشتە نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ ھەم باشقىلارغا ياردەم بېرەلەيدۇ، شۇڭا بىمار مۇقىم داۋالىنىش جەريانىدا، جەمئىيەتكە قايتالايدۇ، نۇرغۇن ئىشنى ناھايىتى ياخشى قىلىپ، كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: قۇتراش- خامۇشلۇق كېسەللىكى كۆپچىلىكنىڭ چۈشىنىشىنى ۋە سىغدۇرۇشچان بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان بىر خىل كېسەللىك، ئۇلارنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزمەسلىك، شۇنداقلا فان. گوۋ ئىجاد قىلغان سەنئەتنىڭ قىممىتىنىلا كۆرۈپ، ئۇنى بىر خىل «تۇغما تالانت» دەپ قارىماسلىق كېرەك، بىمارلار باشقىلارنىڭ باراۋەر مۇئامىلىسىگە، چۈشىنىشىگە ۋە قوللىشىغا موھتاج. بۇ ئالاھىدە كۈندە، مۇتەخەسسىسلەر تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ بۇ كېسەلنى چۈشىنىشكە، بىمارنىڭ ئازابىنى چۈشىنىشكە، بولۇپمۇ بىمارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىنچىكە كۆزىتىشنى، ۋاقتىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۆگىنىپ، يامان ئاقىۋەتلەردىن ساقلاپ، بىمارغا ھەمراھ بولۇپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا مېڭىپ، ئۇلارنى مۇقىم كىشىلىك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشكە مۇراجىئەت قىلدى.

(باش ئىستانسا مۇخبىرى ۋاڭ ديەنجيا، سۈرەتلەرنى شاڭخەي شەھەرلىك 10- خەلق دوختۇرخانىسى تەمىنلىگەن)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى


مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت