شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«ئۆز تاراتقۇ»لاردىكى ناچار قىسقا فىلىملەر ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىلىدۇ
يوللانغان ۋاقىت :2023-03-31 |   ئاپتور :   |   مەنبە : ئانار بۇلۇت

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ 3- ئاينىڭ 28- كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 2023- يىللىق «سۈزۈك» يۈرۈشلۈك مەخسۇس ھەرىكىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلدى.

  بۇ مەخسۇس ھەرىكەتتە «ئۆز تاراتقۇ»لاردىكى قالايمىقانچىلىققا ئالاقىدار مەسىلىلەر تۈزىتىلىدىكەن، بۇنىڭدا «ئۆز تاراتقۇ» پىتنە- پاسات تېرىش، ساختا، يالغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ پايدا ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق تۈزىتىدۇ؛

  تور گۇپپاڭچىلىرىنىڭ قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، تور گۇپپاڭچىلىرىنى تەشكىللىگەن شىركەت، MCN ئاپپاراتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىلغانلىرىنى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ؛

  كارخانا ۋە كارخانىچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ؛

  ياش- ئۆسمۈرلەر ئەندىزىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، بىۋاسىتە كۆرسىتىش «PK» ھالقىسىدىكى مەسىلىلەرنى تۈزەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.


مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت