شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئەركىن تۇنىياز جېڭ ۋېييۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-03-23 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتكە كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى جېڭ ۋېييۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن جېڭ ۋېييۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتتى. ھازىر، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان ياخشى ۋەزىيەت ئېنىق گەۋدىلەندى. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بەھرىلەپ، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ھەر مىللەت خەلق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋالنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جېڭ ۋېييۈەن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە «شياڭگاڭ − ۋەتەنگە تايىنىپ، دۇنياغا تۇتىشىش» باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى، بۇ ئارقىلىق ئىككى جاينىڭ ئارىلىقىنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد ـ سودا، مەدەنىيەت، ساياھەت، پەن ـ تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىمۇ ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شياڭگاڭنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت