شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭغا نەزەر▏ جەنۇبىي شىنجاڭغا سەپەر②: داشەنزى، شياۋشۆئېر، 8000 چاقىرىملىق يىراقتىن تۇغقانلار كەلدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-03-23 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

  دوختۇرخانىنى باشقۇرۇشى كېرەك، كېسەل كۆرۈش كېرەك، ئوپېراتسىيەنى قىلىش كېرەك، تۈرلەرنى قىلىش كېرەك، ساناپ تۈگەتكۈسىز ماتېرىياللارنى رەتلەپ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋالغۇچىغا قالدۇرۇش كېرەك... شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋاقتى توشۇش ئالدىدا، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى، تيەنجىن جىجوۋ رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر چېن شۆيىڭ ھەر كۈنى ئىنتايىن ئالدىراش يۈرمەكتە ئىدى.

   تاماقتىن كېيىن چېن شۆيىڭنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، ئۇ يان تېلېفونىدىكى ئالبومنى ئېچىپ توختىماي ئوڭ-سولغا سۈرەتتى، چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى: «بۇ داشەنزى، ھازىر بەك قاۋۇل بولۇپ كەتتى، مېنى كۆرسىلا كۈلىدۇ. شياۋشۆئېرمۇ بىر چىرايلىق قىزچاق، ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان بوپتۇ ... »

  چېن شۆيىڭنىڭ يان تېلېفون ئالبومىدىكى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئەۋەتكەن داشەنزى (سولدا)، شياۋشۆئېر (ئوڭدا)نىڭ يېقىندا تارتىلغان سۈرىتى.

  داشەنزى، شياۋشۆئېر چىرا ناھىيەسىدىكى ئىككى ئۇيغۇر بالا، ئۈچ يىل شىنجاڭغا ياردەم بېرىش جەريانىدا، بۇ ئىككى بالا خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالارنىڭ ئۆز بالىلىرىدەك بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ھەر دائىم كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىدە ئىدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى يولداشلارنىڭ ھەممىسى چېن شۆيىڭغا ئوخشاش ئالدىراش. بۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە كۆپچىلىك شىنجاڭدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم داشەنزى بىلەن شياۋشۆئېرنى كۆرۈپ كېلىشكە ۋەدىلەشتى.

  بۇ ئەھۋالنى تەپسىلىي بايان قىلىشتا، بىز نەزەرىمىزنى يەنە ئۈچ يىل ئىلگىرىكى 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، چېن شۆيىڭ شىنجاڭغا بېرىپ خىزمەتكە كىرىشكەن تۇنجى كۈنىگە قارىتىمىز.

   ئىللىق خەيخې دەرياسى بويىدىن كۆز يەتكۈسىز كوئىنلۇن تېغى ئېتىكىگە كەلگەن چېن شۆيىڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى تېخى كۆنۈپ بولالمىغان، خىزمەتنىمۇ تولۇق ئۆتكۈزۈپ ئالمىغان، ياتاقتىكى يۈك-تاقلارنى تولۇق ئېچىپ بولالمىغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز بىر جىددىي خەۋەر كەلدى: «بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ تۇغۇتى قىيىنلىشىپ، ياردەمگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى».

  بۇ تۇغۇتلۇق ئايال دەل داشەنزىنىڭ ئانىسى ئىدى. «ھامىلە ئورنى توغرا ئەمەس، بالا چوڭ، تۇغالمىدى، قانداق قىلىش كېرەك» شۇ جايدىكى دوختۇرلار جىددىيلەشكىنىدىن تەرگە چۆمۈلگەنىدى.

  «دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك، قان سېلىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىڭلار!» مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئوپېراتسىيە كىيىمىنى كىيىپ، دەرھال قەتئىي قارارغا كەلدى.

  لېكىن، ئوپېراتسىيە قىلىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. ئوپېراتسىيە ئۆيىدە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى جىمجىت باش چۆكۈرۈپ ئىشلەۋاتاتتى، ئەتراپنى ئېغىر، جىددىي بىر خىل كەيپىيات قاپلىغانىدى.

  ئاخىر، بالىنىڭ ياڭراق يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى، باش ۋىراچ دوختۇر ئەڭ ئاخىرقى خۇلاسىنى جاكارلىدى: «توققۇز جىڭ تۆت سەر، ئانا-بالا ئىككىلىسى ئامان-ئېسەن!» 

   يالغۇز بۇلا ئەمەس، ئىككىنچى كۈنى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى يەنە شۇ جايدىكى بىر قىز بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشىغا ياردەملەشتى، ئوخشاشلا ھامىلە ئورنى توغرا ئەمەس، ئوخشاشلا تۇغۇتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى.

  «بۇ ئىككى بالا بىزنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىمىزنى قارشى ئالغىلى كەلگەنلەر.» چىرا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم، تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى چىرا خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى دۇڭ زىجۇڭ بىلەن چېن شۆيىڭ شۇنداق دېدى: «رىشتىمىز باغلانغانىكەن، تۇغقان بولۇپ قالايلى.»

   يىراقتىن كەلگەن بۇ تۇغقانلارنى ئىككى ئۇيغۇر ئائىلىسى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى، يەنە تۇغۇتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىككى بالىغا ئەركىلەتمە ئىسىم قويۇپ بېرىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مانا بۇ «داشەنزى» بىلەن «شياۋشۆئېر» دېگەن ئىسىملارنىڭ كېلىش سەۋەبى. «ھەيۋەتلىك كوئىنلۇن تېغى، ئېگىز ھەم ھەيۋەتلىك بولۇپ، خوتەننىڭ تۈۋرۈكىگە ئوخشايدۇ، كوئىنلۇن تېغىدىكى ئېرىگەن قار سۇلىرى ئۈن-تىنسىز ھالدا بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، تاغ، قار بولسىلا، بۇ يەردىكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئۆسۈپ يېتىلىدۇ» دېدى چېن شۆيىڭ چۈشەندۈرۈپ.

  داشەنزىنىڭ ئۆيىدە، چېن شۆيىڭ (ئوڭدىن 2-كىشى)، دۇڭ زىجۇڭ (ئوڭدىن 1-كىشى) ئەترەتنى باشلاپ ئۇنىڭ ئىككى ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

 شياۋشۆئېرنىڭ ئۆيىدە چېن شۆيىڭ (سولدىن 3-سى)، دۇڭ زىجۇڭ (سولدىن 1-كىشى) ئەترەتنى باشلاپ ئۇنىڭ ئىككى ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

   شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئىككى بالا خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ تۇغقىنىغا ئايلاندى. تەستە قولغا كېلىدىغان دەم ئېلىش كۈنىدە ئىككى بالىنى كۆرۈش كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىشى بولۇپ قالدى.

   بالىنىڭ قىرقى توشقاندا ياكى تۇغۇلغان كۈنىدە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلار ئۇلارنى يوقلاپ، تەبرىكلىدى. ئۆيگە بارغاندىن كېيىن، ئۇلار بالىغا بالىلار ساغلاملىقى بويىچە ياخشى پەرۋىش ئېلىپ باردى، ئىككى يېڭى ئانىغا ئىلمىي بالا ئېمىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتتى، كۆپچىلىك يەنە ئۆزلۈكىدىن پۇل چىقىرىشىپ داشەنزى بىلەن شياۋشۆئېرغا نۇرغۇن ئويۇنچۇق ۋە كىتاب ئېلىپ بەردى.

   ​ئۈچ يىل شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى جەريانىدا، ئىككى تەرەپ ئۇرۇق-تۇغقان بولۇپ قالدى. بۇلتۇر ئالدىراش بولغاچقا، خېلى بىر مەزگىلگىچە ئىككى بالىنى يوقلاپ بارالمىدى. ھاۋاگۈل مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ قوشنا كەنتتە ھەقسىز كېسەل كۆرۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، موتوسىكلىت بىلەن لىق بىر قاپ ياڭاق، تۇخۇم، چىلان ئېلىپ، تۇغقانلىرىغا سۇندى.

   «ھاۋاگۈل، سىز بىزنى چۈشىنىسىز، بىزنىڭ خىزمەت ئىنتىزامىمىز بار، قوبۇل قىلالمايمىز.»

   «خىزمەت دېگەن خىزمەت، بىز دېگەن ئۇرۇق-تۇغقان، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا ئۆزىمىز تېرىغان چىلانلارنى ئېلىپ بارساق نېمە بوپتۇ. سىلەر بۇنچە جاپا تارتىۋاتىسىلەر، قۇۋۋەت تولۇقلىشىڭلار كېرەك. رەھبەرلەر ئەگەر سىلەرنى تەنقىد قىلسا مېنى ئىزدىسۇن.»

   خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن يوليورۇق سورىغاندا، خىزمەت گۇرۇپپىسى «قوبۇل قىلمىساق، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. لېكىن ئىنتىزامىمىز چىڭ، بىز ئامال قىلىپ بۇ پۇلنى سوۋغات شەكلىدە قايتۇرۇپ بېرىشىمىز، يەنە شەكىل ۋە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ» دېگەن ئاخىرقى قارارنى چىقاردى.

   2022-يىلى، خوتەندىكى ھەر ساھە ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى 204 جۈپ بولۇپ، 58 تېببىي مۇتەخەسسىس شۇ جايدىكى 152 دوختۇر بىلەن ئۇستاز-شاگىرتلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، تيەنجىندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى 3000 قېتىمدىن ئارتۇق مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس ئاغرىق مىسالىغا يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇپ، كۆزىگە ئاق چۈشكەن 300 ئاغرىقنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلدى.

   2021-يىلى، چېن شۆيىڭ خوتەن ۋىلايىتى بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس» شەرىپىگە ئېرىشتى. 2020-يىلى، تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى چىرا ناھىيەلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى «ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ» بولۇپ باھالاندى.

داشەنزىنىڭ بىر ياش ۋاقتىدىكى خاتىرە سۈرىتى.

 «دوختۇرخانا باشلىقى ئاپا ياخشىمۇسىز، مەن داشەنزى، سىز مېنى كۆرگىلى قاچان كېلىسىز، سىزنى سېغىندىم.» يېرىم كېچىدە، ئىش ئۈستىلى ئالدىدىكى چېن شۆيىڭ بىر ئاۋازلىق ۋىيشىننى تاپشۇرۇۋالدى، ۋىيشىندىن چىقىۋاتقان بۇ گۆدەكلەرچە ئاۋاز ئۇ ئەستىن چىقارمايدىغان بالىنىڭ ئاۋازى ئىدى.

 «داشەنزى ياخشىمۇسىز، مەنمۇ سىزنى سېغىندىم. خىزمىتىم بەك ئالدىراش، ئىشىمنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، مەن باشقا تاغا-ھەدىلەر بىلەن بىللە سىزنى كۆرگىلى بارىمەن.»

سۈرەتلەرنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن.


مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت