شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«مېھرىبان ئانىلار» + «مېھرىبان ئاتىلار»! قومۇلدىكى بۇ مەكتەپتىكى ئۆيدە قالغان بالىلارغا بولغان مېھرى-مۇھەببەت كۆپەيدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-03-23 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن پېڭ خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، سەككىز نەپەر «مېھرىبان ئانىلار» ۋە ئىككى نەپەر «مېھرىبان ئاتىلار» قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى سەنتاڭخۇ بازارلىق مەركىزىي مەكتەپكە بېرىپ، 13 بالىغا مېھىر-شەپقەت سوۋغىسى ۋە مېھرىبانلىق يەتكۈزدى.

3-ئاينىڭ 7-كۈنى، قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى سەنتاڭخۇ بازارلىق مەركىزىي مەكتەپتە «مېھرىبان ئانىلار»دىن چىن يەنفېي (سولدىن 3-كىشى) ئاچا-سىڭىللار بىلەن بىللە ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى بالىلارغا سوۋغا قىلماقتا.

خې پېڭفېي فوتوسى 

   شۇ كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى سەنتاڭخۇ بازىرىدىكى «مېھرىبان ئانىلار» مۇلازىمەت ئەترىتى يەنە بىر قېتىم بازاردىكى مەركىزىي مەكتەپكە كېلىپ، بالىلارغا ئوقۇش قوراللىرى ۋە ئۆز قولى بىلەن توقۇغان پوپايكىلىرىنى سوۋغا قىلدى ھەم شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قومۇل چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى سەنتاڭخۇ چېگرا ساقچىخانىسىدىكى «مېھرىبان ئاتىلار» بىلەن بىرلىكتە، بالىلارغا رەسىم سىزىشنى ئۆگەتتى، ھېكايە ئېيتىپ بەردى، ئۇلارنىڭ ياتاق ۋە يوتقان كۆرپىلەرنى رەتلىشىگە ياردەملەشتى.

3-ئاينىڭ 7-كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى سەنتاڭخۇ بازارلىق مەركىزىي مەكتەپتە «مېھرىبان ئانىلار»دىن چىن يەنفېي بىلەن «مېھرىبان ئاتىلار»دىن ياڭ چۇن بالىنىڭ يېڭى پوپايكىنى كىيىشىگە ياردەملەشمەكتە.

خې پېڭفېي فوتوسى 

  «ئۆيۈم سەنتاڭخۇ بازىرى شاقا كەنتىدە. مەكتەپ بىلەن بولغان ئارىلىقى 55 كىلومېتىر، ئادەتتە ساۋاقداشلىرىم بىلەن مەكتەپنىڭ ياتىقىدا تۇرىمەن، ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆيگە قايتىمەن. چىن ئانا بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان، ئۇ ھەر قېتىم مېنى يوقلاپ كەلگەندە نۇرغۇن ياخشى يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، ماڭا ئوقۇش قوراللىرى، سومكا ۋە يېڭى كىيىم ئېلىپ بېرىدۇ، كىرلىرىمنى يۇيۇشۇپ بېرىدۇ، بىزگە بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. چىن ئانا ئۇزاققىچە كەلمەي قالسا، مەن ئۇنى بەك سېغىنىمەن، ئۇ كەلسە مەن بەك خۇشال بولىمەن!» دېدى 3-يىللىقتىكى ئېربولات ئادال چىن ئانىنىڭ بىلىكىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ خۇشال ھالدا.

3-ئاينىڭ 7-كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى سەنتاڭخۇ بازارلىق مەركىزىي مەكتەپتە، «مېھرىبان ئانىلار» ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان بالىلارغا ياردەملىشىپ ئۇلارنىڭ كارىۋاتلىرىنى رەتلەپ بەرمەكتە.

خې پېڭفېي فوتوسى 

   «مېھرىبان ئانىلار» مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى چىن يەنفېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «مېھرىبان ئانىلار» مۇلازىمەت ئەترىتى بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان. 40 «مېھرىبان ئانىلار»نىڭ ھەممىسى سەنتاڭخۇ بازىرىدىن بولۇپ، ئەڭ چوڭى 62 ياش، ئەڭ كىچىكى 29 ياش ئىكەن. يەنە سەنتاڭخۇ چېگرا ساقچىخانىسىدىن كەلگەن ئىككى «مېھرىبان ئاتىلار»مۇ بار بولۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشقا، ئۇ ئىككىسى يەنە بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيەسى خىزمىتىگە مەسئۇل ئىكەن.

   «بىز سەنتاڭخۇ بازارلىق مەركىزىي مەكتەپتىكى 13 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىكى توققۇزىنىڭ ئۆيدە قالغان بالا ئىكەنلىكىنى، ئەڭ يىراقتىكى بالىنىڭ ئۆيىنىڭ مەكتەپتىن 50~60 كىلومېتىر يىراقتا ئىكەنلىكىنى، قالغان تۆت بالىنىڭ يەسلىدىكى كىچىك دوستلار ئىكەنلىكىنى ئىگىلىدۇق. بىز بۇ ئۆيدە قالغان بالىلارنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، يېتىپ-قوپۇش ۋە ئۆگىنىش-تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىشنى قارار قىلدۇق. بىز بۇ مەكتەپكە ئىككى قېتىم كەلدۇق، بالىلارنىڭ كىرلىرىنى يۇيۇپ بەردۇق، ئۇلارغا جەمئىي 200دىن ئارتۇق پوپايكا ۋە ئۆگىنىش بۇيۇملىرى سوۋغا قىلدۇق. كېيىنكى مەزگىلدە بىز يەنە بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىمىز» دېدى چىن يەنفېي.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت