شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، پۈتۈن يەر شارىدىكى دېڭىز-ئوكيانلاردا 170 تىرىليون سولياۋ مىكرو زەررىچىسى بار ئىكەن
يوللانغان ۋاقىت :2023-03-16 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى


فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سولياۋ ئەخلەتلىرىنىڭ بۇلغىشىنىڭ تەسىرىدە، 2019-يىلىغىچە، پۈتۈن يەر شارىدىكى دېڭىز-ئوكيانلاردا لەيلەپ يۈرگەن سولياۋ مىكرو زەررىچىلەر تەخمىنەن 170 تىرىليونغا يېتىپ، دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ سولياۋدىن بۇلغىنىشى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتكەن.

شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، خەلقئارالىق ژۇرنال «ئاممىۋى ئىلىم-پەن كۇتۇپخانىسى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلىغىچە، پۈتۈن يەر شارىدىكى دېڭىز-ئوكيانلاردا لەيلەپ يۈرگەن سولياۋ مىكرو زەررىچىلەر 170 تىرىليون يەتكەن بولۇپ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى تەخمىنەن 2 مىليون 300 مىڭ توننا كېلىدىكەن. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، تەتقىقاتچىلار 1979-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان بۇ 40 يىلدا ئاتلانتىك ئوكيان، تىنچ ئوكيان، ھىندى ئوكيان ۋە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، 1990-يىلدىن بۇرۇن سولياۋ ئەخلەتلەرنىڭ روشەن كۆپىيىش يۈزلىنىشى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بايقىغان. 1990-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا داۋالغۇش كۆرۈلۈپ، 2005-يىلىدىن كېيىن بولسا تېز كۆپىيىشكە باشلىغان.

    تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ قىسىم دېڭىز-ئوكيان سولياۋ ئەخلەتلىرى بېلىق تورى ۋە فۇپياۋ قاتارلىق بېلىقچىلىق سايمانلىرى ئىكەن، ئۇنىڭدىن قالسا، كىيىم-كېچەك، ئاپتوموبىل بالونى ۋە بىر قېتىملىق سولياۋدىن ياسالغان بۇيۇملار قاتارلىقلار ئىكەن. تەتقىقاتتا دېيىلىشىچە، بۇ سولياۋلار دېڭىز-ئوكيانغا ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن پارچىلىنىپ تېخىمۇ كىچىك سولياۋ دانىچىلىرىغا ئايلانغان، بىر قىسىم دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى ئۇلارنى خاتا ھالدا ئوزۇق دەپ بىلىپ يۇتۇۋالغان، بۇنىڭ بىلەن بەزى دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ئىقتىسادشۇناسلار ئاقىللار ئامبىرى ۋە ياپونىيەنىڭ پايدا ئالمايدىغان ئورگىنى «ياپونىيە مالىيە گۇرۇھى»نىڭ بىرلىكتە ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، 2050-يىلىغا بارغاندا، 20 دۆلەت گۇرۇھى دۆلەتلىرىنىڭ يىللىق سولياۋ ئىشلىتىش مىقدارى 2019-يىلىدىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىغان بولۇپ، 451 مىليون توننىغا يېتىدىكەن. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئەگەر تەدبىر قوللىنىپ تىزگىنلەنمىسە، پۈتۈن يەر شارىدىكى سولياۋ ئەخلەتلەر يەنىمۇ كۆپىيىپ، دېڭىز-ئوكياننىڭ بۇلغىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.

​مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى


مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت