(2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)
14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «2022 - يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2023 - يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»نى ھەم 2023 - يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈردى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قوشۇلدى. يىغىن «2022 - يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2023 - يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»نى تەستىقلاشنى، 2023 - يىللىق مەركەز خامچوتىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)
مەنبە: