شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىننىڭ تۈرلۈك قارار لايىھەلىرىنى قاراپ چىقتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-03-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​ما شىڭرۇي، شۆھرەت زاكىر، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك قارار لايىھەلىرىنى قاراپ چىقتى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆھرەت زاكىر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاتارلىقلار قاتناشتى.

ۋەكىللەر بىردەك ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، يىللىق پىلان، يىللىق خامچوت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى ئالتە قارار لايىھەسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن لى شيەنفا، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، سارقىت ئاقان، شۆ بىن، جىن جىجېن، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى، جياڭ شىنجۈن، دۇ خۇڭيەن قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت