شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى
«ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتايلى − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2023 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشكەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە»
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى «ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتايلى − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2023 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشكەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ھەيۋەتلىك شەرق شامىلىدا، يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندۇق.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىلدا، يۈز مىليونلىغان جۇڭگو خەلقى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان پەيتتە، 2023 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر، ئەزالار خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پايتەخت بېيجىڭگە جەم بولۇپ، دۆلەتنىڭ زور تەدبىرلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى.
ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلدى، كەلگۈسىنى سۈرەتلەپ بەردى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن، باش ۋەزىپىنى ئىگىلەش: «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بولمىسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ»؛ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش: «زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا، ئەستايىدىل ئېلىپ بېرىش»؛ خەلقچىللىق ھېسسىياتنى چىڭ ساقلاش: «جەزمەن قەلبتە چىڭ ساقلاش، ھەر ۋاقىت چىڭ تۇتۇش»؛ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش: «ئومۇمىي خەلق بىر نىيەتتە ئويلاش، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىش».
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىتتىپاقلىق كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ، كۈرەش قىلىش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. ئۇلۇغ ھەم شەرەپلىك ئىش جەزمەن يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى داۋامىدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.
سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەپەككۇرى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالدى −
«پەقەت ئومۇمىي خەلق بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ».
جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى −
«مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرمۇ بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ. يېڭى مۇساپىدە، جياڭسۇ باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى، جەزمەن ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان روھىي ھالەت بىلەن ھازىرنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، پۈتۈن جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ چاڭجياڭ - خۇەيخېنىڭ جاسارىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، كۆڭلى - كۆكسىنى بىپايان خۇاڭخەي دېڭىزىدەك كەڭ تۇتۇپ، باشلامچى بولۇش، ئۈلگە كۆرسىتىش، ئالدىدا مېڭىشتەك كەسكىن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، يۇقىرى - تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، <ئىقتىسادى كۈچلۈك، خەلقى باي - باياشات، مۇھىتى گۈزەل، جەمئىيەت مەدەنىيلىك دەرىجىسى يۇقىرى> بولغان يېڭىچە جياڭسۇنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى: تارىخنىڭ ئۇزۇن ئېقىنى مەۋج ئۇرۇپ ئاقماقتا، گۈللىنىش مۇساپىسىنىڭ شەرق شامىلى ھەيۋەتلىك.
بۈگۈنكى جۇڭگو ھاياتىي كۈچكە تولدى. ئەتىكى جۇڭگو كۈرەش قىلىپ مۆجىزە يارىتىدۇ.