− شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشقا زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى
ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىق خۇش خەۋىرى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئارىسىدا داۋاملىق قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى مۇساپە باشلانغان مۇھىم پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى خەلقنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقى ۋە ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلىدى، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى، ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئۇلۇغۋار ئىرادىنى تولۇق ئۇرغۇتتى. كىشىلەر شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى چوقۇم پۈتۈپ چىقىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە يەنە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز!
خەلقنىڭ رايى، يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدۇ
گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى تارىخقا گۇۋاھ بولماقتا.
«بۇ تارىخىي پەيتنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، تەنتەنىلىك بىر بېلەت تاشلىيالىغانلىقىمدىن شەرەپ ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلىمەن.» چۇڭچىڭ شەھەرلىك كىرا ئاپتوموبىلى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2 - شۆبە شىركىتىنىڭ شوپۇرى، ۋەكىل يىن چىلۇڭ بۇ بىرنەچچە كۈندە ئىزچىل خۇشاللىققا چۆمدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ سايلام نەتىجىسى خەلقنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا بىز ئورتاق ياراتقان شانلىق نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى».
خەلق ئاممىسىنىڭ مايىللىقى، خەلقنىڭ رايى. 2900دىن ئارتۇق ۋەكىلنىڭ تەنتەنىلىك بېلەت تاشلىشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلىرى مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «ئىككىنى تىكلەش» بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش، بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت، بىزنىڭ ئىشەنچ مەنبەيىمىز، غەلىبە قىلىش ئاساسىمىز.
3 - ئايدا ھاۋا ئىللىپ، شەرقىي شىمالدىكى قارا تۇپراقتا باھارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغىدى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى باۋچىڭ ناھىيەسى يىشياڭ دادۇر تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى لىن خەيفېينى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى. «باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ سىردىشى، دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يول باشلىغۇچىسى، بۇ، بىز كەڭ دېھقانلارنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى.» لىن خەيفېي مۇنداق دېدى: دەل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، قارا تۇپراق بارغانسېرى ياخشى قوغدالدى، ياخشى تېرىلغۇ يەر بولسىلا ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن غەم قىلمايمىز، بىز چوقۇم تاماق قاچىمىزنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتالايمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكشۈرۈشتە بولغان غالىبىيەت نېفىتلىكىدە، غالىبىيەت نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى نيۇ شۇەنۋېن بىرىنچى ۋاقىتتا يان تېلېفونىدىن يولداش شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆردى. «بۇ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ تەنتەنىلىك تاللىشى بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.» نيۇ شۇەنۋېن مۇنداق دېدى: قەلىبلەرنى روھلاندۇرىدىغان بۇ خەۋەر غەيرىتىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يول باشلىغۇچى ۋە تايانچ بولغاچقا، نېفىتچىلار ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا تېخىمۇ ئىشەنچكە، تېخىمۇ كۈچكە، تېخىمۇ جاسارەتكە تولدى.
لياۋنىڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى مەلۇم مەشىق مەيدانىدا، قوراللىق ساقچى قىسىم 1 - جىدۇڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى دالا ئۇرۇشى سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆردى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغانلىق نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا، ئەترەتتە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
«ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بارلىق نەتىجىلەر تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا شى جۇشىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.» ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مۇنداق بىلدۈردى: شى جۇشى خەلق ئاممىسىنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشكەن رولچى، يول باشلىغۇچى، بىز قەتئىي ھىمايە قىلىمىز، سەمىمىي قوللايمىز، ئىرادىمىزدىن قايتماي ئەگىشىمىز.
جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى قالتىس ئىقتىدارىنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشكە بولغان قەتئىي ئىشەنچىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
ئەسلىي مەقسىتى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، جاراڭلىق قەسەم داھىي سالاپىتىنى نامايان قىلدى
دۆلەت گېربى ئېگىز ئېسىلغان بولۇپ، ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى −
رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسىي قانۇن قەسىمى بەرگەن كۆرۈنۈش ھەيۋەتلىك، مۇقەددەس بولۇپ، قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى.
«رەئىس شى جىنپىڭ قانۇن بويىچە ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئۈلگە بولدى، بۇ مۇقەررەركى، كەڭ دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاساسىي قانۇن ئىشەنچىنى چىڭىتىشى، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى، ئاساسىي قانۇن ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈشىگە ناھايىتى زور ئىلھام بېرىدۇ.» نەق مەيداندا گۇۋاھ بولغان خېبېي چىشىن ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى ۋەكىل چى شيۇمىن زىممىسىگە ئېغىر مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، «قانۇن خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ قوشىمىز».
سەنشيا توسمىسى يېنىدا، خۇبېينىڭ يىچاڭ شەھىرى يىلىڭ رايونى تەيپىڭشى بازىرى شۈجياچۇڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى كەنت ئاھالە كومىتېتى مەيدانىدىكى چوڭ ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندىن يولداش شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى ھەم ئاساسىي قانۇن قەسىمى بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ھاياجانلانغان ھالدا چاۋاك چالدى.
«باش شۇجى قەسەم بەرگەندە <خەلققە سادىق بولىمەن> دېدى، باش شۇجى شۇنداق دېدى ھەم شۇنداق قىلدى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2018 - يىلى 4 - ئايدا كەنتكە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ، كەنت ئاھالىسى ليۇ جېڭچىڭ مۇنداق دېدى: «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا باش شۇجى شى جىنپىڭغا ئەگىشىپ مېڭىپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىسەك، تۇرمۇشىمىز چوقۇم بارغانسېرى ياخشى ئۆتىدۇ».
جاراڭلىق قەسەم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ئىزاھلىدى.
«نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتە، باش شۇجى كەچ يېتىپ سەھەر تۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنى جان تىكىپ ئېلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، ۋەدىسىنى بىر - بىرلەپ ئەمەلدە كۆرسەتتى!» گۇيجوۋ ليۇپەنشۇي شەھىرى جۇڭشەن رايونى داۋەن بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئەزا ياڭ سۇڭ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن داۋاملىق مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، دىققەتنى خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئۆز خىزمىتىمنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئىرادەمدىن قايتماي خەلققە بەخت يارىتىمەن».
جاراڭلىق قەسەم ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.
«باش شۇجى قەسەم بەرگەندە باي - كۈچلۈك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن، دېدى.» نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى شىزۇيشەن شەھىرى پىڭلو ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما خۇالۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەپ، يۇرتداشلارنى ئېكولوگىيە تامىقى، ساياھەت تامىقىنى ياخشى يېيىشكە يېتەكلەپلا قالماي، يەنە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى <كەنتتىن چىقىرىپ شەھەرگە كىرگۈزۈپ> <شەھەرگە كىرگۈزۈپ مەملىكەت سىرتىغا چىقىرىپ>، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئۆز تۆھپىمىزنى قوشىمىز».
دەھشەتلىك دولقۇندا مۇستەھكەم تۈۋرۈكنىڭ رولى ئەڭ نامايان بولىدۇ. ئېگىز تاغلارنىڭ ھەيۋىتى چوققىسىغا باغلىق بولىدۇ.
مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنى پىلانلاپ، بۇ مۇساپىدە ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم قىلىپ، ئىرادىسىدىن قايتماي، خەلققە بەرگەن ۋەدىسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى.
تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ قالتىس سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى، قەيسەر ئىرادىسى، پەزىلىتى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۈكسەك باھاسى ۋە چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشتى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى شانلىق سەھىپە پۈتىمىز
يولداش شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغانلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر يېتىپ كېلىشى بىلەن، چىڭخەي ئۆلكىسى خەينەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گۇيدې ناھىيەسى خۇشاللىققا چۆمدى. ناھىيە بازىرىدىكى كىچىك مەيداندا، ھەر مىللەت ئامما چۆرىدىشىپ، بىرلىكتە «گوجۇاڭ» ئۇسسۇلى ئوينىدى.
«باش شۇجى شى جىنپىڭ: <ئىتتىپاقلىق كۈچ، ئىتتىپاقلىق قانچە كۈچەيگەنسېرى، كۈچ شۇنچە زورىيىدۇ>، دەپ تەكىتلىدى.» گۇيدې ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم سارنا مۇنداق بىلدۈردى: مىللەتلەر رايونىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى «تۇتقا» قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيى»نى ئورتاق پۈتىمىز، «ئىناقلىق، بەخت ناخشىسى»نى ياڭرىتىمىز.
جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، «كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، كۆپ پارتىيە - گۇرۇھ ھەمكارلىشىش، كوممۇنىستىك پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، كۆپ پارتىيە - گۇرۇھ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش» سىياسىي ئەندىزىسىنى قەتئىي قوغداپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش جەريانىدا كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش داۋامىدا سەمىمىي تەكلىپ بېرىپ، سىياسىي پارتىيەلەر كېڭىشىش داۋامىدا ياخشى چارىلەرنى كۆرسىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى خىزمەتدىشى بولىمىز.
يان تېلېفون كۆزنىكىدىن يولداش شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ، ئېتىزدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان خەينەن ئۆلكىسى ياجوۋۋەن ئۇرۇقچىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ ياش تەتقىقاتچىسى ياڭ فەننىڭ قەلبى ھاياجانغا تولدى.
2022 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەنگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، 1 - بېكەتتىلا ياڭ فەن تۇرۇشلۇق ئۇرۇقچىلىق تەجرىبىخانىسىغا كېلىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىغا: «جەزمەن ئۇرۇقلۇقنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك» دەپ تاپىلىدى.
«ئۇرۇق گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى>.» ياڭ فەن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىپ، جاپاغا چىداپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، «جۇڭگو ئاشلىقى»نى «جۇڭگو ئۆزىكى»گە قاچىلاش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.
«باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشكەن خەلق داھىيسى، مۇقەررەر <جۇڭگو ناملىق> پاراخوتنى يېتەكلەپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يەلكەن چىقىرىپ يىراققا يۈرۈش قىلىدۇ.» دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى كەسىپ تەرەققىيات بۆلۈمى كەسىپنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى فاڭ جېڭلياڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى خىزمىتىمنىڭ تۈپ قوللانمىسى قىلىپ، خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە دىققەتنى تەرەققىيات خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاساسىي مەسئۇلىيىتى، ئاساسىي كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچۈمنى قوشىمەن.
نەق مەيداندا يولداش شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغان، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بەرگەن تەنتەنىلىك پەيتىگە گۇۋاھ بولۇپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 71 - جىتۇەنجۈنى مەلۇم بىرىكمە لۈيىنىڭ لۈجاڭى، ۋەكىل ۋاڭ ۋېنخۇا خەلق سارىيىدىن چىققاندا، قەدەملىرى مەردانە، كۈچلۈك بولدى.
«بىرىنچى سەپتىكى كوماندىر - جەڭچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز شى جۇشىنى سادىقلىق بىلەن قوللاشنى ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىدارنى كۈچلۈك يېتىلدۈرۈپ، قابىلىيەتنى قاتتىق يېتىلدۈرۈپ، ئىستىلنى پۇختا يېتىلدۈرۈپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن بۇرچ، ۋەزىپىنى قەتئىي تاماملاپ، چاقىرغان ھامان كېلىدىغان، كەلگەن ھامان ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى ۋاڭ ۋېنخۇا.
يولداش شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغانلىقى، قەسەم بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈپ، يۈننەن جىڭدۇڭ يىزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان جېجياڭ داشۆ ئاسپىرانتلار مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى لى جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردە ياشاۋاتقىنىمىز بىز بۇ ئەۋلاد ياشلارنىڭ بەختى. ئورتاق بېيىشنى تەتقىقات ۋە ئەمەلىيەت يۆنىلىشى قىلغان ياش ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شەخسىي غايەم ۋە ئىنتىلىشىمنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياشلار مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىمەن».
دەۋر بۇرغىسى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى؛ ھەيۋەتلىك مۇساپىدە يادرو يول باشلىدى.
كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جەزمەن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شەرەپنى قولغا كەلتۈرىمىز!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)
مەنبە: