شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
يوللانغان ۋاقىت :2023-03-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

دىڭ شۆشياڭ

خې لىفېڭ

جاڭ گوچىڭ

ليۇ گوجۇڭ

دىڭ شۆشياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1962 - يىلى 9 - ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ نەنتۇڭدىن، 1982 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984 - يىلى 10 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، فۇدەن داشۆ باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، تەبىئىي پەنلەر ماگىستىرى، پىروفېسسور دەرىجىلىك ئالىي ئىنژېنېر.

ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى.

خې لىفېڭ، ئەر، خەنزۇ، 1955 - يىلى 2 - ئايدا تۇغۇلغان، گۇاڭدۇڭ شىڭنىڭدىن، 1973 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1981 - يىلى 6 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شيامېن داشۆ مالىيە - پۇل مۇئامىلە فاكۇلتېتىنىڭ مالىيەشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى.

ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.

جاڭ گوچىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1964 - يىلى 8 - ئايدا تۇغۇلغان، خېنەن لوشەندىن، 1985 - يىلى 9 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984 - يىلى 7 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، چىڭخۇا داشۆ ئىقتىساد باشقۇرۇش شۆيۈەنى سانلىق ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى، تەتقىقاتچى دەرىجىلىك ئالىي ئىنژېنېر.

ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.

ليۇ گوجۇڭ، ئەر، خەنزۇ، 1962 - يىلى 7 - ئايدا تۇغۇلغان، خېيلۇڭجياڭ ۋاڭكۇيدىن، 1982 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1986 - يىلى 11 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، خاربىن سانائەت داشۆسى مېتال ماتېرىياللىرى ۋە ھۈنەر - سەنئەت فاكۇلتېتىنىڭ بېسىملىق پىششىقلاش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سانائەت پەنلىرى ماگىستىرى، ياردەمچى ئىنژېنېر.

ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت