شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
دۆلەت كومىسسارلىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
يوللانغان ۋاقىت :2023-03-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

لى شاڭفۇ

ۋاڭ شياۋخۇڭ

ۋۇ جېڭلۇڭ

شېن يىچىن

چىن گاڭ

لى شاڭفۇ، ئەر، خەنزۇ، 1958 - يىلى 2 - ئايدا تۇغۇلغان، جياڭشى شىڭگودىن، 1974 - يىلى 5 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1982 - يىلى 8 - ئايدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، 1980 - يىلى 6 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، چۇڭچىڭ داشۆ كونترول نەزەرىيەسى ۋە كونترول قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سانائەت پەنلىرى دوكتورى.

ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئىگە.

ۋاڭ شياۋخۇڭ، ئەر، خەنزۇ، 1957 - يىلى 7 - ئايدا تۇغۇلغان، فۇجيەن فۇجوۋدىن، 1974 - يىلى 7 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1982 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش نازارەتچى ساقچى.

ۋۇ جېڭلۇڭ، ئەر، خەنزۇ، 1964 - يىلى 11 - ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ نەنجىڭدىن، 1984 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1987 - يىلى 11 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، تەييۈەن ماشىنىسازلىق شۆيۈەنى ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىنىڭ ماشىنىسازلىق ياسىمىچىلىقى ھۈنەر - سەنئىتى ۋە ئۈسكۈنە كەسپىنى پۈتكۈزگەن، داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي ئىنژېنېر.

ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى، ئورگان پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.

شېن يىچىن، ئايال، بەيزۇ، 1959 - يىلى 12 - ئايدا تۇغۇلغان، گۇيجوۋ جىجىندىن، 1977 - يىلى 3 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985 - يىلى 5 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، تەتقىقاتچى.

ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.

چىن گاڭ، ئەر، خەنزۇ، 1966 - يىلى 3 - ئايدا تۇغۇلغان، خېبېي خۇەيلەيدىن، 1988 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1986 - يىلى 11 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسىي كەسپىنى پۈتكۈزگەن، داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت