جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 7 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.
ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكى 192 كىشى، قاتناشقىنى 190 كىشى، قاتنىشالمىغىنى ئىككى كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نىڭ 62 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يىغىنغا گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى، ھەرقايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، باش ئىقتىسادىي تەپتىش، باش كاتىپ نامزاتىنى كۆرسىتىپ، يىغىننىڭ قارار قىلىپ تەيىنلىشىگە سۇندى.
ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، لى چياڭ كۆرسەتكەن يۇقىرىقى گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى باشقا خادىملار نامزاتىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ پىكىرلىشىشىگە سۇنۇشنى قارار قىلدى.
14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئون مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ ئىسىملىكى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان. 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يىغىن ھەيئەت رىياسىتىگە باشقا سەككىز مەخسۇس كومىتېتنىڭ تەكلىپ نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى ئايرىم - ئايرىم ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت - سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، خۇاچياۋلار كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا كومىتېتى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرىنىڭ نامزاتىنى ھەيئەت رىياسىتى كۆرسەتكەن نامزات سۈپىتىدە ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ پىكىرلىشىشىگە سۇنۇشنى قارار قىلدى.
ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن لى گەنجيې، لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.