شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ كېڭەشتى، تەكلىپ بەردى
يوللانغان ۋاقىت :2023-03-13 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېينىڭ بېيجىڭغا ئۇلىنىش قىلىپ بەرگەن خەۋىرى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ساھەلەر كېڭىشىش يىغىنى ياكى گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ كېڭەشتى، تەكلىپ بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

يىغىندا، «ساغلام جۇڭگو» يەنە بىر قېتىم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

«شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھىيە رايونىنىڭ زىچ تىپتىكى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى، ھازىر يەنىلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى بايلىقى كەمچىل بولۇش، شۇنداقلا تارقىلىشى تەكشى بولماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت.» ئەزا مېڭ چىڭسەي ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ تىك يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق سىستېمىلار ئارىسىدىكى ئۇدۇللىشىش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاشنىڭ قولاي، تېز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

ئەزا ئېلزات زادە ئىلمىي، مۇۋاپىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان جىددىي كېسەل كۆرۈش، جىددىي قۇتقۇزۇش، داۋالاش، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جىددىي كېسەل كۆرۈش، جىددىي قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ، «بىر توغرا، بىر تىك، بىر ئىقتىدار» جىددىي كېسەل كۆرۈش، جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش تەكلىپىنى بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە، «بىر توغرا» توغرا يۆنىلىشتە لايىھەلەپ، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى جەھەتتىكى فىزىكىلىق يۇغۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى؛ «بىر تىك» تىك يۆنىلىشتە لايىھەلەپ، تۈرلۈك جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە خىمىيەلىك يۇغۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى؛ «بىر ئىقتىدار» جىددىي كېسەل كۆرۈش مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئىقتىدار بولۇپ، «قۇتقۇزۇشقا چاقىرغان ھامان جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپتوموبىلغا چىققان ھامان دوختۇرخانىغا كىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى چۆرىدەپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرىمۇ بەس - بەستە تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.

«تېكەس قەدىمىي شەھىرىدىكى قەدىمىي يادىكارلىق ئورنىنى چوڭقۇر قېزىش تارىختىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتلەرنىڭ غەربىي رايوننى بىۋاسىتە باشقۇرغانلىقىنى ئىسپاتلاشتا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.» ئەزا باۋ ئەنمىڭ تېكەس ناھىيەسىدىكى ئىككى ئورۇندىكى مۇھىم قەدىمىي يادىكارلىق ئورنىنى تېزدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن قېزىپ، رايون مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى پۇختا تارىخىي پاكىت ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تېخىمۇ كۆپ ئىلمىي مەدەت ۋە نەزەرىيە ئاساسى بىلەن تەمىنلەش تەكلىپىنى بەردى.

ئەزا ساڭجيې جاسو مۇنداق قارىدى: ئەنئەنىۋى كەنتلەر ۋە تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق بازارلىرى، داڭلىق كەنتلىرى جۇڭخۇا مىللىتى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى ۋە مەنىۋى ماكانى، ئەنئەنىۋى كەنتلەر ۋە تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق بازارلىرى، داڭلىق كەنتلىرىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بىلەن قەدىمىي كەنتلەرنى قوغداش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق بازارلىرى، داڭلىق كەنتلىرىنى شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرتىپلىك ئېچىش تەكلىپىنى بېرىمەن.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، كەسپىي مائارىپ... مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى پۇرسەتنى تۇتۇپ، شىنجاڭ «ياخشى ساداسى»نى تارقاتتى.

ئەزا ياڭ جيې چاقىلىقنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» بويىچە 4 -، 5 - يولنى دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەرەققىياتىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىغا تولۇقلاپ كىرگۈزۈش ھەم ئايرىم - ئايرىم ھالدا قۇرۇلۇش باشلاش تۈرى، تەتقىق قىلىپ دەلىللەش تۈرى قىلىپ بېكىتىش تەكلىپىنى بەردى.

ئەزا گۇەن فاڭفاڭ كەسپىي مەكتەپلەرنى مەۋقەنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش يېڭى سىستېمىسى، يېڭى نىشانى، يېڭى مەزمۇنى بەرپا قىلىشقا يېتەكلەش ھەم ھەيدەكچىلىك قىلىش؛ كەسپىي مائارىپنى يېزا - كەنتلەردىكى پۇقرالار ئارىسىغا يەتكۈزۈپ، شۇ جاينى پىششىق بىلىدىغان «يەرلىك مۇتەخەسسىس»لەرنى يېتىشتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

ئەزا ۋاڭ ۋېي ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇقچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىدىكى «گالنى بوغىدىغان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش؛ تاۋارلاشقان ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىش؛ سورت يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە ئۇرۇقچىلىق بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ ماھىيەتلىك ھاسىلىي سورتقا ھۆكۈم قىلىش تېخنىكا تەتقىقاتىنى تېز قانات يايدۇرۇپ، ئۇرۇقچىلىقنى باشقۇرۇشنى تېخنىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش تەكلىپىنى بەردى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن ليۇ ۋەنلۇڭ، ئېلزات ئەخمەتجان، قادىلبېك قامزا، جارۇللا ھېسامىدىن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ليۇ جيەنمىڭ، خالمۇرات ئابدۇراخمان قاتارلىقلار مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت