شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئىللىق باھارغا جور بولۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش
يوللانغان ۋاقىت :2023-03-06 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​− مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

3 - ئايدىكى پايتەخت، ئىللىق باھارغا جور بولۇپ، تېرەك، سۆگەتلەر بىخ سۈرگەنىدى؛ جۇڭگو زېمىنىغا نەزەر سالساق، باھار دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى.

3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سانائەت ئىقتىسادى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئەزا چۈ يۇڭيى يىغىنغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى تاقاپ، تۇرۇشلۇق جايدىن خەلق سارىيىغا بارىدىغان ئاپتوبۇسقا چىقتى.

ياسىمىچىلىقتىكى سېتىۋېلىش دىرېكتورى كۆرسەتكۈچى 1 - ئايدا كېڭىيىش دائىرىسىگە قايتقاندىن كېيىن، 2 - ئايدا داۋاملىق ئۆرلىدى؛ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەشتىن توختاپ ئۆرلىدى... يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر قاتار ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان چۈ يۇڭيى ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يىل بېشىدىكى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، 2023 - يىلى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى، ئىقتىدارى بار، تەرەققىيات سۈپىتى يەنىمۇ ئۆسىدۇ».

ۋاقىت يېڭى نۇقتىغا يېتىپ كەلدى، تارىخنىڭ شىكالىسى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى −

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا ئاساس سالىدىغان مۇھىم بىر يىل... يۈز مىليونلىغان جۇڭگو خەلقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن شەرەپ ۋە ئارزۇ سەپىرىگە ئاتلانماقتا.

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2100دىن ئارتۇق ئەزاسى جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئىپادىلەنگەن توغرا، ئېنىق كۆز قاراش مۇجەسسەملەنگەن تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى ئېلىپ، ھەرقايسى جايلاردىن بېيجىڭغا جەم بولۇپ، باھاردىكى كاتتا يىغىنغا ئورتاق قاتناشتى.

ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى تېپىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىش. تيەنجىن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەزا جاڭ جىنيىڭ مۇنداق دېدى: بىز يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ۋەزىپە - تەلىپى ۋە ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەپ، دىققەتنى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» ۋە خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى كەڭ دائىرىدە توپلانغان چوڭقۇر كېڭىشىش داۋامىدا ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشكە مۇلازىمەت قىلىپ، بىر نىيەت، بىر يۆنىلىشتە سەمىمىي كېڭىشىش داۋامىدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەيمىز.

دانا تەكلىپلەرنى بېرىش، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى كۆرسىتىش، ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش.

سائەت 14تىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، تۇنجى مەيدان «ئەزالار يولى» خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سەككىز ئەزا ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ تەرتىپ بويىچە مىكروفون ئالدىغا كېلىپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

«بالىلارنى ھەيۋەتلىك، مۇقەددەس سارايدا كوممۇنىستلارنىڭ كۈرەش قىلىشى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىشىنى چۈشىنىپ، يېڭى دەۋردە ئىپتىخارلىق ۋە شان - شەرەپنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىخانىسىنىڭ باشلىقى، ئەزا ۋۇ شياڭدۇڭ بىرىنچى بولۇپ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

«ئاڭلاشقا ياردەم بېرىش قوشۇمچە ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئۇچۇر توسالغۇسىز مۇھىت زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، دۆلەت يولغا قويغان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇغۇرما مائارىپتا غايەت زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى...» جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، ئەزا ياڭ ياڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بەردى.

سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەربىر «ياخشى ئاۋازى» كىشىلەر قەلبىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىشەنچنى مۇجەسسەملەپ، كۈچ - قۇۋۋەت يەتكۈزدى.

10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالدا، رەئىس سەھنىسىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ گېربى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، ئىككى تەرەپكە تىزىلغان ئون قىزىل بايراق جۇلالىنىپ تۇراتتى.

شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى كېلىپ يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەزمۇت قەدەم بىلەن يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.

سائەت 15تە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.

ئۆتكەن بەش يىلدا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىدا يېڭى كەيپىيات، يېڭى قىياپەت نامايان بولدى −

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق؛

دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ بېغىشلىدۇق؛

سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردۇق؛

ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشى ئۈچۈن سىياسىي ئاساس، جەمئىيەت ئاساسىنى پۇختىلىدۇق...

كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ يۆنىلىشى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولدى −

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىمىز، ئىزچىللاشتۇرىمىز؛

پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ كېڭىشىمىز، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؛

ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەيمىز...

ئەمەلىي، دەل جايىدا بولغان تەكلىپلەر ئەزالاردا كۈچلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

دۆلەت ئۈچۈن ۋەزىپىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش. بۇ يىل بۇ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تۇنجى يىل.

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېڭىدىن «مۇھىت - بايلىق ساھەسى»نى تەسىس قىلدى، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن كەلگەن، ئۇزاق مەزگىل ئاتموسفېرا مۇھىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ساھەسىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئەزا جاڭ شىڭيىڭ دەل شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇھىت - بايلىق ساھەسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى دەل ۋاقتىدا بولدى. مەن مەسئۇلىيىتىمنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئادا قىلىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن».

جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى باش مۇتەخەسسىسى، ئەزا ۋۇ زۈنيوۋ ئاممىۋى سەھىيە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش توغرىسىدا بىر تەكلىپ ئېلىپ كەلدى: «بىر يېڭى ئەزا ۋە تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمىنى تەتقىق قىلىدىغان كەسپىي تېخنىكا خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇنىڭدىن كېيىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەجرىبە - ئۇسۇللىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەشكە قاتنىشىپ، سەھىيە - ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچلۈك قۇرۇش ئۈچۈن پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىمەن».

ئېچىلىش يىغىنى ئاياغلاشتى، ئىللىق باھارغا يۈزلىنىپ، ئەزالار خەلق سارىيىدىن چىقىپ كەلدى.

تيەنئەنمېن مەيدانىدا قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلىپ، باھاردىكى قۇياش ئىللىق نۇر چېچىپ تۇراتتى.

كەلگۈسى توغرىسىدا تەسەۋۋۇر قىلىپ، گۇگۇڭ مۇزېيى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئەزا دۇ خەيجياڭنىڭ قەلبى چەكسىز ھاياجانغا تولدى: «يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويدۇق، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى مەنىۋى كۈچ مىللەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. بۇ قېتىمقى كاتتا يىغىندا، مەن خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن پائال سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت ئىشەنچى ئاساسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن!»

(مۇخبىرلار شى يۈسېن، دۇڭ رۇيفېڭ، گاۋ جىڭ، ۋېي يۈكۇن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت