شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىمىز
يوللانغان ۋاقىت :2023-03-03 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​− كەڭ كادىرلار ۋە ئامما پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى» ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا، كەڭ كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا تېزدىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

كۆپچىلىك پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىمىز.

1 - ئومۇمىي يىغىندىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش» نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا، 1 - ئومۇمىي يىغىندىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇشتىن، ئۈچنى «تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش» قىچە؛ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەشتىن، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئېشىشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە؛ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتىن خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقىچە... پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى قەدەم تاشلىنىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى يېپيېڭى قىياپەت نامايان قىلىندى.

«باھار بايرىمى تۈگەپ ئىش باشلانغاندىن بۇيان، سېختىكى ئالدىراشچىلىق توختىمىدى، كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچىسى ۋە غەيرىتى بارغانسېرى ئۇرغۇدى.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خۇبېي شىيەن دۇڭفېڭ سودا ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى ئاپتوموبىل زاۋۇتى باش قۇراشتۇرۇش - تەكشۈرۈش سېخىنىڭ باش تېخنىكى ۋاڭ جيەنچىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئېشىشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي، كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

پاراخوت ئېغىر بولسىمۇ، رولنى بىر ئادەم تۇتىدۇ.

ۋەزىيەت قانچە كەسكىن، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىنىڭ پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈشى، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا توغرا كېلىدۇ.

«شانلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.» شاڭخەي تاشقى ئىقتىساد - سودا داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى چىن شۇجۈەن مۇنداق دېدى: يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن «ئىككىنى تىكلەش» تىن ئىبارەت سىياسىي ئورتاق تونۇشنى «ئىككىنى قوغداش»تىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە تېخىمۇ ئاڭلىق ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

باھار، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.

ئىللىق قۇياش نۇرىدا، خېنەن ئۆلكىسى پۇياڭ ناھىيەسى لۇخې بازىرى گاۋمياۋ كەنتىدىكى ئېتىزلىقتا قاتار - قاتار سۇ تېجەپ پۈركۈپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىلىرى توختىماي مەشغۇلات قىلىپ، ساغلام ئۆسۈۋاتقان كۈزگى بۇغدايلارنى سۇغارماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لۇخې بازىرى پاي ئىگىلىكىدىكى ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپى قۇرۇپ، «يەر پونكىتى» تەسىس قىلىپ، زاكاز تالونى، تېرىقچىلىق لايىھەسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەقسىملەشنى بىرتۇتاش ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ۋە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئىتتىپاقلىق كۈچ، بىر نىيەتتە بولغاندىلا ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.» لۇخې بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تيەن جىپېڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كەڭ خەلق ئاممىسى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان ئىجادىيەت ئۇلۇغ كۈچىنىڭ بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە تولۇق ئاساسىمىز، شارائىتىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بارلىقىغا تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچىمىز بارلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنى ياخشى ئېچىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىن ئېچىلىشقا ئاز قالدى، ۋاڭ جيەنچىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىغا ئېلىپ بارىدىغان تەۋسىيەسىگە ئەستايىدىل تەييارلىق قىلماقتا، ئۇ ئۆزى پىششىق بىلىدىغان ساھەنى چۆرىدەپ، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىقلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ۋەكىللىك كۈچۈمنى قوشىمەن» دېدى ۋاڭ جيەنچىڭ.

يېقىنقى بىر مەزگىلدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، سىچۇەن خېڭخېشىن ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى لى جېڭگو ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەييارلىق كۆرۈپ تەكلىپىنى مۇكەممەللەشتۈردى. «بۇ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن بۇ يىل ئېچىلىدىغان تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسى ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.» لى جېڭگو مۇنداق بىلدۈردى: چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاممىغا يېقىنلاشقان، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چارە - تەدبىر كۆرسىتىمەن.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبىرىي خادىملىرىنى سايلاپ چىقىش بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. كەڭ كادىرلار ۋە ئامما بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ سايلاپ چىقىلىپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنىڭ مۇجەسسەملىنىشىنى قىزغىن ئۈمىد قىلماقتا.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى سىستېمىلىق، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھات لايىھەسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھات لايىھەسى»نىڭ قىسمەن مەزمۇنلىرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى.

«پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، تەڭشەش، باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق.» تيەنجىن شەھەرلىك يىرىك پىلان ۋە تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چېن يۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم، زور. «بىز چوقۇم ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ نوپۇزى ۋە كەسكىنلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىسلاھات ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك».

ئومۇمىي يىغىندا: ئاپپارات ئىسلاھاتىدا «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلەندى. بۇنىڭغا قارىتا، كەڭ كادىرلار ۋە ئامما مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تۈپ كاپالەت ۋە باش ۋەزىپە.

چۇڭچىڭ شەھىرى نەنئەن رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىشتات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رەن لىڭخۇڭ مۇنداق قارىدى: ئاپپارات ئىسلاھاتىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىش ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ «ھالقىلىق تۇتقا» سىنى چىڭ تۇتقانغا باراۋەر بولۇپ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەيدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان رەھبەرلىك سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق، بۇ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ ئىلمىي، فۇنكسىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ ئەلا، تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەل، يۈرۈشۈشنى باشقۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىق توپلىنىشى، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شېنجېن شەھەرلىك چيەنخەي باشقۇرۇش ئىدارىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاپپاراتلارنىڭ ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەم پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزمى بىلەن جىپسىلاشقان ھەم روشەن بازارلاشقان، كارخانىلاشقان مەشغۇلات ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يولنى تېپىپ چىقتى، بۇ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جىنشياغا ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم رولىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

«ئىسلاھات پەقەت داۋاملىشىدۇ، ئاخىرلاشمايدۇ». ۋاڭ جىنشيا مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە چۈشىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تېخىمۇ تولۇق تونۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىمىز.

ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى قەلبتىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش، ھەقىقىي تۈردە جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپىسى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىلمىي پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە ئۇنى قوللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

«پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى جېڭ چى مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە تۇرۇۋاتىمىز، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئاندىن كۈرەش نىشانىنى تېخىمۇ چىڭ كۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگىلى، ئاندىن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسنى تېخىمۇ ياخشى كۈتۈۋېلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى يېتەكلەپ، غەلىبىدىن تېخىمۇ زور غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.

نەزەرىيە پەقەت ئامما تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن، ئىشلىتىلگەندىلا، ئاندىن غايەت زور ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتالايدۇ.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا دائىر لېكسىيە يىغىنى، قىزىل كىنولارنى كۆرۈش، قىزىل كىتابلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش... جياڭسۇدىكى «جۇڭتيەن» پولات - تۆمۈر گۇرۇھى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى كارخانىلارغا كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

«جۇڭتيەن» پولات - تۆمۈر گۇرۇھى خۇەيئەن سەرخىل پولات پەردە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تۈرىنىڭ مەسئۇلى شېڭ رۇڭشېڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ۋاسىتىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، گۇرۇھتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ياقتۇرىدىغان شەكىل ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى پۇختا ھەرىكەتكە ۋە كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرىمىز.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچ پارتىيەدە.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش سەگەكلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

شەنشى ئۆلكىسى تۇڭگۇەن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ شىنفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوقۇم بىر دەقىقىمۇ توختاتماي ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، باشتىن - ئاخىر قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.

يېڭى دەۋردە قەدەم تاشلاپ، يېڭى سەپەرگە ئاتلاندۇق. كەڭ كادىرلار ۋە ئامما مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى يېتەكچى قىلىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىكنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت