شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى كۈيلەيمەن»
يوللانغان ۋاقىت :2023-02-28 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى بەي يىڭ، يەن رۈي

«ئۇسسۇرى دەرياسى تولىمۇ ئۇزۇن، كۆپكۆك دەريا سۈيى ئۆركەشلەپ ئاقار، خېجېلار دەرياغا مىڭچە تور يېيىپ، كېمىگە بېلىقلار لىپمۇلىق تولار...»

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇڭجياڭ شەھىرى باچا خېجې مىللىتى يېزىسى باچا كەنتىدىكى يىماكەن نەزمىسىنى ئۆگىتىش ئورنىدا لەرزان ناخشا ساداسى ياڭرىدى. يىماكەن نەزمىسىنى ئۆگىتىش كۈنىگە توغرا كەلگەندە، 38 ياشلىق ليۇ لېي مىللىيچە ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن «ئۇسسۇرىدىكى كېمىچى ناخشىسى»نى ئېيتاتتى.

يەتتە يىل ئىلگىرى، ليۇ لېي خەلق سارىيىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: «چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ياردەم بېرىشى ۋە يۆلىشىدە تۇرمۇشىمىز خۇددى <ئۇسسۇرىدىكى كېمىچى ناخشىسى>دا ئېيتىلغاندەك بەخت يولىغا قەدەم قويدى».

بۇ، 2016 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالىدىكى ئىش ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان خېيلۇڭجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

«باش شۇجى كىرگەندىن كېيىن ئاۋۋال كۆپچىلىك بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. مەن ئەينى چاغدا خېجې مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمىنى كىيگەنىدىم، باش شۇجىغا ئۆزۈمنىڭ خېجې مىللىتىدىن بولغان بىردىنبىر ۋەكىل ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم. باش شۇجى بۇنى ئاڭلاپ، ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگىنىچە بېشىنى لىڭشىتتى. شۇ دەقىقىدە، قەلبىمدىكى جىددىيلىك بىردىنلا پەسەيدى.» ليۇ لېي ئەسلەپ مۇنداق دېدى: شۇ يىلى 32 ياشتا ئىدىم، تۇنجى قېتىم باش شۇجى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خېجې يېزىسىدىكى يۇرتداشلارنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى قىلغانىدىم.

ليۇ لېي شۇ كۈنى سۆز قىلغان توققۇز ۋەكىل ئىچىدىكى تۆتىنچىسى بولۇپ، تۆت ـ بەش مىنۇت سۆزلىدى.

باش شۇجى ئۇنىڭ «ئۇسسۇرىدىكى كېمىچى ناخشىسى»نى تىلغا ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ، سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: بۇ ناخشا بالدۇرلا قۇلىقىمغا ياد بولۇپ كەتكەن، بەزىدە يەنە ئانچە ـ مۇنچە ئېيتىپمۇ قويىمەن. ناخشىدا تەسۋىرلەنگىنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىناق ـ ئىتتىپاق گۈزەل مەنزىرىسى.

باش شۇجىنىڭ سۆزى ليۇ لېينى ئىنتايىن روھلاندۇردى، ئۇ باش شۇجىغا خېجې مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، خېجې مىللىتىنىڭ ئىلگىرىكى نوقۇل بېلىقچىلىق ـ ئوۋچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن مىللىي ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىككە ۋارىسلىق قىلىشقا يۈزلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ بېيىش يولىغا ماڭغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە باش شۇجىنى خېجې يېزىسىغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. باش شۇجى خۇشال ھالدا: «چوقۇم كۆرۈپ كېلىمەن» دېدى، يەنە يۇرتداشلارغا سالىمىنى يەتكۈزۈشنى تاپىلىدى.

«باش شۇجىنىڭ خېجې مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى بۇنچە چۈشىنىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن!» سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ليۇ لېي ھاياجېنىنى باسالمىدى: «يىغىن ئاخىرلاشقان ھامان، باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە سالىمىنى ۋىيشىن ئارقىلىق يۇرتداشلارغا سۆزلەپ بەردىم. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن خۇش بولۇپ كەتتى!»

كۆپچىلىكنىڭ تېخىمۇ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققىنى شۇ بولدىكى، ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقىنى بويىچە كەلدى.

2016 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ يامغۇرغا قارىماي باچا كەنتىگە كەلدى.

باش شۇجى خېجې مىللىتى خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، خېجې مىللىتىنىڭ يىماكەن نەزمىسىنى ئۆگىتىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ، خېجې مىللىتىنىڭ تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيىتى مول، بولۇپمۇ بېلىقچىلىق ـ ئوۋچىلىق ماھارىتى ئۈستۈن، نەقىش سەنئىتى نەپىس، يىماكەن نەزمىسى ناھايىتى جەلپكار ئىكەن دەپ ماختىدى.

ليۇ لېينى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگىنى شۇكى، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا باشتىن ـ ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىي غول، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى شاخ ۋە يوپۇرماق، يىلتىز چوڭقۇر، غول كۈچلۈك بولغاندىلا، ئاندىن شاخ ـ يوپۇرماقلار بۈك ـ باراقسان ئۆسەلەيدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

ليۇ لېي باش شۇجى ئالقىشلىغان «گېسار» «ماناس» «جاڭغىر»، جۇاڭزۇ مىللىتىنىڭ «گېيۈ بايرىمى»، زاڭزۇ گىلىمى، مياۋزۇ كەشتىسى، لىزۇ مىللىتىنىڭ تاۋار ـ دۇردۇنى قاتارلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى بىراقلا تىلغا ئالدى.

«باش شۇجى مۇنداق دېدى: بۇنداق مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، رەتلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.» ليۇ لېي مۇنداق دېدى: «بۇ نۇقتىغا نىسبەتەن بىز تولىمۇ ئوخشاش ھېسسىياتتا، ھازىر تېخىمۇ كۆپ ياش سەپكە قوشۇلدى، بىز جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى كۈيلەيمىز».

تۇڭجياڭ شەھىرىدە بۈگۈنكى كۈندە يىماكەن نەزمىسى بويىچە دۆلەت، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى»غا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، خېجې قەھرىمانلىرىنىڭ ھېكايىسى داۋاملىق ئېيتىلىپلا قالماي، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كۈنلەر تېخىمۇ كۈيلەندى.

«<غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى> كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىش كېرەك. كەسپ كۈچەيسە، كۆپچىلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى كۆپىيىدۇ، ئۆگىنىش ئارزۇسىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىدۇ.» مۇخبىرنىڭ سوئالىغا قارىتا، ليۇ لېي بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى ئويلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

خېجېلىقلار دەريا سۈيىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلدى ھەم دەريا سۈيىنى قوغداش ئارقىلىق گۈللەندى، ئېكولوگىيەنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۆزلەش جەريانىدا تەڭپۇڭلۇق ئۈستىدە ئىزدەندى، ئەنئەنىۋى بېلىقچىلىق ـ ئوۋچىلىق مەدەنىيىتىدىن بارلىققا كەلگەن بېلىق تېرىسى كىيىمى، بېلىق تېرىسى رەسىمىمۇ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

«ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا، بىز خاس مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇردۇق، شۇنداقلا ئاممىنى يېتەكلەپ بېيىتتۇق.» ليۇ لېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەن داۋاملىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىمەن.

مۇخبىرلار ئايرىلىدىغان چاغدا، «ئۇسسۇرىدىكى كېمىچى ناخشىسى»نىڭ ساداسى يىماكەن نەزمىسىنى ئۆگىتىش ئورنىدا يەنە بىر قېتىم ياڭرىدى، سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە رېئاللىقنى يورۇتۇپ تۇراتتى: «شادلىققا چۆمدى ئېھ ئاق قېيىنزارلىق، كاككۇك گۈللىرى ئېچىلدى ھەريان، خېجېلىقلار ئاتلاندى بەخت يولىغا، خەلقنىڭ تاغ ـ دەرياسى ئاماندۇر ھامان...»

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاربىن، 2 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت