شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«پارلاق يول بىز ماڭغانسېرى كېڭەيدى!»
يوللانغان ۋاقىت :2023-02-24 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

[مۇھەررىر ئىلاۋىسى]

2013 ـ يىلىدىن باشلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدا 10 يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشتى، ئۆمەك، گۇرۇپپىلارنىڭ قاراپ چىقىشى، مۇزاكىرىسىگە 50 قېتىمدىن ئارتۇق قاتنىشىپ، نەچچە يۈز ۋەكىل، ئەزانىڭ سۆزىنى يۈزتۇرا ئاڭلاپ، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان نۇرغۇن پەيتلەرنى قالدۇردى. بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يېقىندا ئون ۋەكىل، ئەزانى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ باش شۇجى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىدى. كۆپچىلىك تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى، ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختالدى، يېڭى مۇساپىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدى. بۈگۈندىن باشلاپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى يۇغۇرما خەۋەر «10 يىللىق ئىككى يىغىن. ئىللىق ئەسلىمە» ناملىق ئىستوننى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۈگۈن «پارلاق يول بىز ماڭغانسېرى كېڭەيدى!» ناملىق بىرىنچى قىسمى ئېلان قىلىندى.

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ مىن، ۋاڭ زېخاۋ

لاسادىن يولغا چىقىپ، يول بويى شەرقىي جەنۇب يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭدۇق، ئەگرى ـ بۈگرى تەكشى تاشيول خۇددى ئاق لېنتىغا ئوخشاش قارلىق تاغ، چەكسىز ئورمان ۋە جىلغا ئارىسىنى ئوراپ تۇراتتى. گالۇڭلا تونېلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىك تەدرىجىي تۆۋەنلىدى، يارلۇڭزاڭبو دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئېگىز تاغلار كۆكۈچ قارا رەڭدە ئىدى. بومىدىن موتوغا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە پەقەت ئۈچ سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت كېتىدۇ، ئون يىل ئىلگىرى بۇ يولنى بېسىپ بولۇشقا ئۈچ ـ تۆت كۈن كېتەتتى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھاياجانلانغان ھالدا: «بۇ يولدا مېڭىش راستىنلا ئاسانلىشىپتۇ!» دېيىشتى.

«مۇخبىر دوستلار، يولدا جاپا چەكتىڭلار!» ئاپتوموبىل موتو ناھىيەسىنىڭ دېشىڭ يېزىسى دېشىڭ كەنتىگە كەلگەندە، بىز كەنت ئاھالىسى گېساڭ چۈجېننىڭ ئۆيىدە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساش ۋە سېتىش يوللىرىنى ئىگىلەۋاتقان يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بەيما چۈجېننى ئۇچراتتۇق. ئۇ بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن بولۇپ، يۈزى قوڭۇر رەڭدە ئىدى، يول ماڭغاندا ناھايىتى ئىتتىك ماڭاتتى، گەپ قىلسا چېھرىدىن كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى: «سىلەر كەلگۈچە ماڭغان بۇ يول بىز مېنبا مىللىتىنىڭ بەخت يولى!»

ئۈچ ئېغىز گەپنىڭ ھەر بىرىدە «يول» تىلغا ئېلىندى، بىزدە بۇ يولغا نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ قىزىقىش پەيدا قىلدى. گېساڭ چۈجېننىڭ پاكىز، ئازادە ھويلىسىدا، بەيما چۈجېن ئون يىل ئىلگىرىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىكى ئىللىق كۆرۈنۈشلەر توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى −

2013 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان بەيما چۈجېن بېيجىڭغا بېرىپ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشتى. 3 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بەيما چۈجېن ھاياجانلانغىنىدىن بىر كېچە ياخشى ئۇخلىيالمىدى، «كاللامدا باش شۇجىغا نېمىلەرنى دېيىشنى قايتا ـ قايتا ئويلىدىم».

3 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىزاڭ زالىغا كىرگەندە، يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. باش شۇجى بەيما چۈجېننىڭ يېنىغا كەلگەندە بىرەيلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ موتو ناھىيەسىدىن كەلگەن مېنبا مىللىتى ۋەكىلى». باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختىتىپ، بەيما چۈجېن بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشتى.

«بىرىنچى قېتىم باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، كۆڭلۈمدە سەل جىددىيلەشكەن ئىدىم.» بەيما چۈجېن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بىراق، باش شۇجىنىڭ خۇشخۇي، مۇلايىم چىرايىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىللىق، چوڭ قوللىرىنى تۇتقىنىمدا، بىردىنلا جىددىيلىكىم پەسەيدى».

«ھەربىر ۋەكىل سۆز قىلغاندا، باش شۇجى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، پات ـ پات خاتىرە قالدۇراتتى، ئارىلاپ سوئال سورايتتى. ئاممىنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك ئەھۋالى قانداقراق، تۇرالغۇ ئەھۋالى قانداقراق، تەرەققىياتتا قانداق قىيىنچىلىقلار بار... بۇلارنىڭ ھەممىسى باش شۇجى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار ئىدى. ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ، بەيما چۈجېن مۇنداق دېدى: «شىزاڭ بېيجىڭدىن شۇنچە يىراق بولسىمۇ، لېكىن شىزاڭدىكى يوللار، ئادەملەر، كەنتلەر... ھەممىسى باش شۇجىنىڭ قەلبىگە پۈكۈلگەنىدى».

ئالدىدىكى بىر نەچچە ۋەكىل سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىللىق نەزەرىنى ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان بەيما چۈجېنغا ئاغدۇردى.

«ھازىر موتوغا بارىدىغان يول راۋانلاشتىمۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.

«بۇ سوئال دەل كۆڭلىمدىكىنى سورىغاندەك بىلىندى» دېدى بەيما چۈجېن.

ئەۋلادمۇ ئەۋلاد شۇ يەردە ياشاپ كەلگەن كىشىلەرلا ئاندىن يولغا بولغان ئارزۇنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. موتو زاڭزۇ تىلىدا «سىرلىق مەنزىلدىكى نېلۇپەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ يېقىملىق نام كۆپ يىللاردىن بۇيان پەقەت خەتەرلىك چوققا، تەبىئىي توسۇقتىن دېرەك بېرىپ كەلدى. ھىمالايا تېغى ئۈچ تەرەپتىن ئوراپ تۇرغاچقا، كىشىلەر ئىلگىرى ماددىي ئەشيالارنى يۈدۈپ، ئاتقا ئارتىپ توشۇيتتى، بەزى يوللار تار بولغاچقا، ئاتنىڭ قۇيرۇقىدىن تۇتۇپ ماڭغاندىلا ئاندىن ئۆتكىلى بولاتتى. ئەگەر قېلىن قار يېغىپ تاغ يولى توسۇلۇپ قالسا ياكى لاتقا ـ شېغىللىق ئېقىن يۈز بەرسە، «سىرلىق مەنزىلدىكى نېلۇپەر» «ئېگىزلىكتىكى يېگانە ئارال»غا ئايلىنىپ قالاتتى.

بەيما چۈجېن بارماقلىرىنى چىقىرىپ مۇخبىرلارغا ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقاندىكى جاپالىق مۇساپىسىنى ساناپ بەردى: «ئالدى بىلەن كەنتتىن ئاپتوبۇس بېكىتىگە مېڭىپ بېرىپ، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ بىر سائەت يول يۈرۈپ، يەنە تۆت سائەت پىيادە مېڭىپ موتو ناھىيە بازىرىغا باردىم، ئاندىن مېڭىپ ۋە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ موتودىن بومىغا بېرىپ، ئاپتوموبىل ئالمىشىپ بومىدىن لىنجىنىڭ بايى بازىرىغا باردىم. ئارقىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بايى بازىرىدىن لاساغا باردىم، ئاندىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ چېڭدۇغا باردىم ھەم ئايروپىلان ئالمىشىپ بېيجىڭغا باردىم. 3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى ئالتە كۈن ماڭدىم!»

«جۇڭگو شۇنچە چوڭ، باش شۇجى موتونىڭ يوللىرىنىڭ غېمىنى يەپتۇ، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم.» بەيما چۈجېن مۇنداق دېدى: «مەن باش شۇجىغا يىل ئاخىرىدا بىزنىڭ موتو ناھىيەسىدىكى تاشيوللاردا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى ئېيتتىم! باش شۇجى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەمنۇنلۇق بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى. يىغىندا، باش شۇجى بىزنى 2020 ـ يىلىغا بارغاندا پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى».

ئىككى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن بەيما چۈجېن باش شۇجىنىڭ موتوغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى يۇرتداشلارغا سۆزلەپ بەردى، كىچىككىنە تاغلىق يېزا قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى. كۆپچىلىك خۇشاللىقىدىن ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى: «باش شۇجى بىزگە شۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىكەن، بىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىز كېرەك، يولنى تېخىمۇ ياخشى ياسىشىمىز كېرەك!»

2013 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، موتودىن ئىبارەت بۇ ئىلگىرىكى «ئېگىزلىكتىكى يېگانە ئارال» تۇنجى تاشيولدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاشنى ئىشقا ئاشۇردى! 2019 ـ يىلى موتو ناھىيەسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇتلەق نامراتلىقنى تارىخىي خاراكتېرلىك تۈگەتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن، بەيما چۈجېن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا باش شۇجىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە نامرات رايونلارنىڭ يوللىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا بارغانسېرى دىققەت قىلدى −

«كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ ناھايىتى بىئارام بولدۇم.» 2017 ـ يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۇەن لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ «تىك يار كەنتى» توغرىسىدىكى تېلېۋىزىيە ئاخبارات خەۋىرىنى تىلغا ئالغاندا، كۆيۈنۈش ھېسسىياتى ھەربىر سۆزىدە ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. 2019 ـ يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ بىر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ «يۇرتۇمدا تېخى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ياسالمىدى، بىز يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ياسىلىپ، يۇرتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېنىدا ئولتۇرغان گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشتىن مۇنداق سورىدى: «گەنسۇدا تېخى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ياسالمىغان ناھىيەدىن قانچىسى بار؟»...

بەيما چۈجېن باش شۇجىنىڭ بۇ يوللارغا كۆڭۈل بۆلۈشىدىكى مەقسىتىنى بارغانسېرى چۈشەندى. «يول»دىكى قىيىن مەسىلىلەرنى چۈشەندى، «يول»دىكى ئۆزگىرىشلەرگە قۇلاق سالدى، كۆڭۈل بۆلگىنى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش يولى، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يولى ئىدى.

«يول ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، تۇرمۇشىڭلاردا زور ئۆزگىرىش بولغاندۇ؟» بىز كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا سورىدۇق.

«يول ياسىلىپ راۋانلاشتى، كۆڭلىمىز تېخىمۇ يورۇپ كەتتى. تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ ئۈمىدكە تولدى!» بەيما چۈجېن ئۇلاپلا سۆز قىستۇردى، خۇشخۇي كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى، «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ چىقىش يولى بار بولدى، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار بايلىققا ئايلاندى. موتودىكى پۇقرالارنىڭ ھەميېنى تومپايدى، ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۆگزىسىدە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق جەۋلان قىلدى!»

شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ بېيىش يېڭى يولىنى قايتا ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ، تاغقا چىقىپ كۆرۈپ باقماقچى بولدۇق.

تۆت ئەتراپقا تۇتاش كەتكەن تاغلار يېشىللىق بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك چايزارلىق ۋە مېۋىلىك باغلار ئىدى. بىر ـ ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، يېڭىدىن ئۈزۈلگەن چاي ۋە چارتال مېۋىسى تاغ سىرتىغا قاتنايدىغان ئاپتوموبىللار ئارقىلىق ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان ھىمالايا تاغ تىزمىسىدىن ئۆتۈپ، نىياڭ دەرياسىنىڭ گاھىدا تېز، گاھىدا ئاستا ئاقىدىغان ئېقىنىنى بويلاپ، تۈز داغدام يول بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بازارلارغا يەتكۈزۈلىدۇ.

بىر يول، مىڭلىغان تاغ ـ دەريالار، يولنىڭ ئۆزگەرتكىنى موتونىڭ تەقدىرى، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەقدىرى.

«كېيىنكى قەدەمدە يولنى قانداق ماڭىسىلەر؟» دەپ سورىدۇق بىز.

«بۇلتۇر پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلدى، بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، باش شۇجى بىزنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشقا يېتەكلىدى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى. پارلاق يول بىز ماڭغانسېرى كېڭەيدى.» يەنە خۇشخۇي كۈلكە ئاۋازى ياڭرىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لاسا، 2 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت