شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مالىيە - بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-02-17 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مالىيە - بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان يېتەكچى ئىدىيە − شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي خۇسۇسىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مالىيە - ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، مالىيە - بوغالتىرلىق نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە - بوغالتىرلىق نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مالىيە - بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكى بىلەن باشقا تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

«پىكىر»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق نىشان: 2025 - يىلىغا بارغاندا، مالىيە تارماقلىرى ئاساسلىق مەسئۇل بولۇپ نازارەت قىلىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە نازارەت قىلىدىغان، ھەرقايسى ئورۇنلار ئىچكى قىسىمدا نازارەت قىلىدىغان، ئالاقىدار ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار شۇغۇللىنىدىغان كەسپى بويىچە نازارەت قىلىدىغان، كەسپىي جەمئىيەتلەر ئۆزىگە تەلەپ قويۇپ نازارەت قىلىدىغان مالىيە - بوغالتىرلىق نازارەتچىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ؛ تۈرلۈك نازارەتچىلىك سۇبيېكتلىرى توغرا يۆنىلىشتە ماسلىشىدىغان، مەركەز بىلەن يەرلىك تىك يۆنىلىشتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، مالىيە - بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكى بىلەن باشقا تۈرلۈك نازارەتچىلىك تۇتاشقان، ماسلاشقان خىزمەت مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىدۇ؛ مالىيە - بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكىگە ئالاقىدار قانۇن - تۈزۈملەر تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، نازارەتچىلىك قوشۇنىنىڭ ساپاسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، مالىيە، مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، بوغالتىرلىق ئۇچۇرلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مالىيە - ئىقتىساد ئىنتىزامى ۋە بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم كاپالەتلىك قىلىش رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.

«پىكىر»دە مالىيە - بوغالتىرلىق نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش، مالىيە - بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكى خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نۇقتىلىق ساھەلەرگە بولغان مالىيە - بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكى سالمىقى ۋە كاپالەت تەدبىرلىرىنى زورايتىشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت