شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىردىنبىر توغرا يولدا جاسارەت بىلەن ياخشى ماڭىمىز
يوللانغان ۋاقىت :2023-02-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​− شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىدىكى كۇرسانتلار تونۇشى ئۈستىدە توختالدى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى گاۋ لېي، ۋاڭ مىڭيۈ

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور بەدەل تۆلەپ قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور نەتىجە، بىز جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز، ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىمىز ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك».

مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىلغان مۇھىم سۆزى كۇرسانتلارنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشى ۋە كەڭ مۇزاكىرە قىلىشىنى قوزغىدى.

كۇرسانتلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى راۋان ماڭغىلى بولىدىغان، پۇختا ماڭغىلى بولىدىغان يول، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىردىنبىر توغرا يول. كۆپچىلىك يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، بۇ بىردىنبىر توغرا يولنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ يۆنىلىشى، كەلگۈسى تەقدىرى، ئاخىرقى ھېسابتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ئۇزاق مۇددەت ئىزدەنگەن ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن جاپالىق مۇساپىسىنى، شۇنداقلا پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىزدىنىش داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى. بۇ بىزگە پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇتتى.» مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ جېڭپۇ مۇنداق بىلدۈردى: بىز چوقۇم «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيىتى ۋە مەنبەسى، يىلتىزى ۋە روھىنى پۇختا ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە رەھبەرلىكىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

زامانىۋىلاشتۇرۇش يەككە تاللاش سوئالى ئەمەس. تارىخىي شارائىتنىڭ كۆپ خىللىقى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات يولىنى تاللىشىنىڭ كۆپ خىللىقىنى بەلگىلىگەن.

مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بەش جەھەتتىكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇر بايان قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داغدام يول كۆرسىتىپ بەردى. بۇ يول جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، غەربنىڭ زامانىۋىلىشىش ئەندىزىسىگە ئوخشىمايدىغان يېڭى مەنزىرىنى نامايان قىلدى، بۇ بىر خىل پۈتۈنلەي يېپيېڭى بولغان ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى ھالىتى.

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، نېمە قىلىش كېرەكلىكى، قانداق قىلىش كېرەكلىكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قانداق قىلغاندا توغرا ماڭغىلى بولىدىغانلىقى، ئۇنى يولغا قويۇشقا بولىدىغانلىقى، مۇقىم قىلغىلى بولىدىغانلىقى، ياخشى قىلغىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم مەسىلىلەرگە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھايىتى مۇكەممەل سۆزلىدى، بۇنىڭ بىزنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىزدە ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم، زور.» مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى خەن جۈن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بىر مەيدان كەڭ كۆلەملىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى، كەسىپ ئىنقىلابى، شۇنداقلا بىر مەيدان چوڭقۇر ئىدىيە ئىنقىلابى، جەمئىيەت ئىنقىلابى. بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيە سىستېمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى جىلىننى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يول خەرىتىسى، قۇرۇلۇش خەرىتىسىنى ياخشى لايىھەلەپ، جىلىننى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مېتودولوگىيە نۇقتىسىدىن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا «يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىستراتېگىيە بىلەن تاكتىكا، توغرا يولدا مېڭىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، ئۈنۈم بىلەن ئادىللىق، ھاياتىي كۈچ بىلەن تەرتىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىش بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىش» قاتارلىق مۇھىم، زور مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«بۇ ئالتە گۇرۇپپا مۇناسىۋەتتە سىستېما تەپەككۇرى، دىيالېكتىك تەپەككۇر تولۇق نامايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ، يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جانلىق ئەمەلىيىتىنىڭ خۇلاسىلىنىشى ۋە يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشى، ئىلمىي، يولغا قويۇشقا بولىدىغان دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تەدبىرى.» مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، خېفېي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈ ئەيخۇا مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سىستېما تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماس ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى داۋاملىق باش ۋەزىپە ۋە باش تۇتقا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خېفېينىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشىمىز.

قانچىكى ئۇلۇغ ئىش شۇنچە خىرىسقا تولغان بولىدۇ، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: جەزمەن كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ، سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىش كېرەك.

«ھەربىي كۈرەش ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم تەرەپ.» مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ مۇئاۋىن جېڭۋېيسى، قوشۇمچە جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ جېڭۋېيسى شۈ شىشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ. يېڭى دەۋردىكى ھەربىي بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق زېھنىمىزنى ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق خىزمەتلەردە ئۇرۇش قىلىشقا كۈچەپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى تېز ئۆستۈرۈپ، ھەربىي كۈچنى دائىملاشقان، كۆپ خىللاشقان قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەربىي كۈرەشنى قەتئىي، جانلىق قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن ئىشنى باشلاش يىلىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.» كۇرسانتلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، دادىل ئىزدىنىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ھازىرقى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىپ، يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت