شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپىرىنى باشلاش
يوللانغان ۋاقىت :2023-02-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىدىن خاتىرە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، دىڭ شياۋشى

مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلارغا كۈچ چىقىرىۋاتقان 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەدە، ھامان ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بار. باش باھار ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتىشىگە، بېيجىڭنىڭ غەربىي شەھەر ئەتىراپىدىكى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسى قەرەلىدە ئوقۇش باشلىدى.

بۇ كۇرس «ئاچقۇچلۇق پەيت»تە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلىنىدىغان يىلدا، باشلىنىش يىلىدىكى باش باھار پەيتىدە ئېچىلدى.

بۇ كۇرس «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»غا يۈزلەنگەن بولۇپ، كۇرسانتلىرى مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلاردىن تەركىب تاپقان.

بۇ كۇرستا دىققەت قانداق قىلىپ «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى توغرا چۈشىنىش ۋە زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت «ئاچقۇچلۇق تېما»غا مەركەزلەشتۈرۈلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۇرس ئېچىش لايىھەسىنى ئۆزى بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ بېكىتتى ھەم ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئىنتايىن مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.

باھار ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى، باھار گۈلدۈرمامىسى گۈلدۈرلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تاشلانغان مەردانە قەدەم ساداسىنى ياڭراتتى.

تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىش −

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بىزنىڭ <ئۇيقۇدا ياتقان شىر>نى قانداق ئويغىتىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور تارىخىي تېمىغا بەرگەن جاۋابىمىز»

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ قورۇسى مەركىزىگە جايلاشقان زالنىڭ ئۆگزىسى ئەگمە شەكىللىك بولۇپ، سېرىق خىش چاپلانغانىدى. شىمالىي شەنشىدىكى گەمە ئۇسلۇبىدىكى بۇ قۇرۇلۇش نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشقا باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغان ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ روشەن گېنىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

زال ئىچىدە، «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكات كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى، ئاستى - ئۈستى ئىككى قەۋەتتە بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىغان بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىر يەرگە جەم بولغانىدى.

2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش» توغرىسىدىكى بىر مەيدان ئىدىيە كاتتا زىياپىتى مۇشۇ يەردە باشلاندى.

ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش» تەكىتلەندى.

«باشلىنىش يىلىدىكى تۇنجى دەرس» نېمىشقا بۇ باش تېمىغا مەركەزلەشتى؟

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەتنى باشتىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ قارىشىمچە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسىنى يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرىغا قويۇش ھەم چوڭقۇر بايان قىلىش پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىكى مۇھىم، زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىسى».

قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلگەندىلا، نەگە بارىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. زامانىۋىلاشتۇرۇش، بۇ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان سانسىزلىغان ئىرادىلىك زاتلارنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشىدىن كەلگەن.

ئەجنەبىيچىلەر ھەرىكىتىدىكى «ئەجنەبىيلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىپ، ئەجنەبىيلەرگە تاقابىل تۇرۇش»تىن ۋۇشۈ يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىشتىكى «ئىسلاھ قىلىپ قۇدرەت تاپقۇزۇش»قىچە، ئاندىن شىنخەي ئىنقىلابىدىكى «بۇرژۇئازىيە جۇمھۇرىيىتى» «كەسىپنى گۈللەندۈرۈش» لايىھەسىگىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋاقىت كامېراسىنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش تارىخىغا نەزەر سالدى، «جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپە تارىخىي يوسۇندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى».

100 يىللىق بوران - چاپقۇننى بېسىپ ئۆتۈپ، 100 يىللىق زەپەر مارشىنى ياڭرىتىش.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپلا، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلەر دۆلىتىمىزنى زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر.

يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، «زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈپ ئىجتىمائىي شارائىت يارىتىش»تىن سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، «زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ۋە قىممەتلىك تەجرىبە، نەزەرىيەۋى تەييارلىق، ماددىي ئاساس سېلىش»قىچە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش يېڭى مەزگىلىدە، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولغان تۈزۈلمە كاپالىتى ۋە تېز تەرەققىي قىلىدىغان ماددىي شارائىت بىلەن تەمىنلەش»كىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىلدە پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى شانلىق مۇساپىسى ۋە قوشقان قالتىس تۆھپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، زامانىۋىلاشتۇرۇش بەرپا قىلىشنىڭ مۈشكۈللۈكى توغرىسىدا توختالغاندا، باش شۇجى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى ئاجىز بولۇپ، كۈندىلىك ئىشلىتىلىدىغان كىرسىن، سەرەڭگە، تۆمۈر مىخلارنىمۇ چەت ئەل كىرسىنى، چەت ئەل سەرەڭگىسى، چەت ئەل مىخى دەپ ئاتايتتۇق».

ئوتتۇرا قىسىم رايوندىن كەلگەن بىر كۇرسانت بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە: ئەينى يىللاردا «بىز نېمە ياسىيالايمىز؟» دەپ غەم قىلىشتىن بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىمىزنىڭ گاۋتيېسى، چوڭ ئايروپىلانى، ئاۋىياماتكىسى، ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى ياساپ، پۈتۈن دۇنيادىكى كەسىپ تۈرلىرى ئەڭ تولۇق، كەسىپ سىستېمىسى ئەڭ مۇكەممەل بولغان ياسىمىچىلىق بىرىنچى چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىشقىچە، نەچچە ئون يىل ۋاقىتتا غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تاماملىدۇق، 100 يىلغا قايتا نەزەر سالساق، چەكسىز ھاياجانغا تولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش يولىنىڭ جاپالىق ۋە ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىمىز.

ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈرەش قىلىپ، ئارقىمۇئارقا كۈچ ئۇلاش. تارىخ ھامان ئالدىنقىلارنىڭ مۈرىسىدە پۈتۈپ چىقىلىدۇ.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، پارتىيەمىز ئەسلىدە بار بولغان ئاساستا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتتى ۋە كېڭەيتتى.

تونۇش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى −

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش» ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بەش جەھەتتىكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، توققۇز ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە جەزمەن پۇختا ئىگىلەشكە تېگىشلىك بەش مۇھىم، زور پىرىنسىپى ئىزاھلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى، ئەمەلىيەت يېتەكچىلىكى، پارلاق ئىستىقبالى ئېچىپ بېرىلدى... شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى مۇھىم، زور دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىش داۋامىدا ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى.

ئىستراتېگىيە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى −

«ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ» سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى بېكىتىلىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى... ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك پىلان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

ئەمەلىيەت جەھەتتە ئۈزلۈكسىز بېيىدى −

بىر قاتار ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەتنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تۈگىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق... تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر گۈزەل تاغ - دەريالار، خەلق مەردانە ئىلگىرىلەۋاتقان غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە نەقىشلەندى.

ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كۇرسانتلار مۇنداق بىر ئورتاق تۇيغۇغا كەلدى: يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق قالتىس ئۆزگىرىشلەر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى. پارتىيەمىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپلا قالماي، يەنە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى «تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ ھېس قىلغىلى، يولغا قويغىلى بولىدىغان» قىلىپ ئۆزگەرتىپ، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنىڭ راۋان ماڭغىلى بولىدىغان، پۇختا ماڭغىلى بولىدىغان، شۇنداقلا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىردىنبىر توغرا يول» ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدى.

200 نەچچە يىل ئىلگىرى، ناپالېئون چۈشكۈنلەشكەن جۇڭگونى قاتتىق ئۇيقۇغا پاتقان شىرغا ئوخشىتىپ، «ئۇيقۇدا ياتقان بۇ شىر ئويغانسا، دۇنيا تىترەيدۇ» دېگەنىدى.

2014 - يىلى باھاردا، سېنا دەرياسى بويىدا، جۇڭگو - فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ناپالېئوننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى ھەم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ شىر ئويغاندى، لېكىن بۇ بىر تىنچلىقنى ياقلايدىغان، يېقىملىق، مەدەنىي شىر» دەپ كۆرسەتتى.

تارىخ، رېئاللىق ۋە كەلگۈسىدىن ھالقىپ، بۈگۈنكى كۈندە، باش شۇجىنىڭ سۆزلىرى تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى، مەردانە بولدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بىزنىڭ <ئۇيقۇدا ياتقان شىر>نى قانداق ئويغىتىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور تارىخىي تېمىغا بەرگەن جاۋابىمىز».

قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش −

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش «زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ مېڭىش يولىنى تاللىشىنى كېڭەيتىپ، ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى جەمئىيەت تۈزۈمى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى»

ئىدىيە جەھەتتىكى ئۆزلەشتۈرۈش پىكىر يۈرگۈزۈش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتى؛ قانۇنىيەتكە بولغان بىلىش سوقۇلۇش داۋامىدا يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى.

ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 300دىن ئارتۇق كۇرسانت 18 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى چۆرىدەپ، ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەسىراتى ئۈستىدە توختىلىپ، تونۇشىنى سۆزلەپ، تەدبىرلەر ئۈستىدە پاراڭلاشتى. مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار ھەرقايسى گۇرۇپپىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھاكىمە قىلدى.

كۇرسانتلار ياتاق بىناسىدىكى چىراغلار دائىم يېرىم كېچىگىچە ئۆچمىدى. كۆپچىلىك باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ ئەسلىي تېكىستىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىكى چوڭقۇر داۋلى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، گۇرۇپپىدا سۆز قىلىش تېزىسى يازدى.

سوغۇق تاڭ شامىلىدا ياغقان قار زېمىننى قاپلىغانىدى. دېرىزە سىرتى سوغۇق، ئۆي ئىچى ئىللىق ئىدى.

«قىلىشقا تېگىشلىك ئىش: ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش، چوڭقۇر تەھلىل قىلىش؛ ھەزەر ئەيلەيدىغان ئىش: ئىشنى باشلاپ قويۇپلا بولدى قىلىش، تەھلىل قىلمايلا قارىسىغا قوبۇل قىلىش، تولۇق چۈشىنىشكە ئىنتىلمەسلىك.» بىر كۇرسانت خاتىرە دەپتىرىگە ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش تەسىراتىنى رەتلىك قىلىپ يازدى.

كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ «باشلىنىش يىلىدىكى تۇنجى دەرس»ى ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، نەزەرىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ «نېمە ئىكەنلىكى، نېمە قىلىش كېرەكلىكى، قانداق قىلىش كېرەكلىكى»، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا «قانداق قىلغاندا توغرا ماڭغىلى بولىدىغانلىقى، ئۇنى يولغا قويۇشقا بولىدىغانلىقى، مۇقىم قىلغىلى بولىدىغانلىقى، ياخشى قىلغىلى بولىدىغانلىقى» قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى توغرا چۈشىنىش ۋە زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ قوللانما.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيە سىستېمىسىدا ماھىيەتلىك تەلەپتىن مۇھىم، زور پىرىنسىپقىچە، پارتىيە رەھبەرلىكى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇندا تۇردى.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى.» ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە بۇ سۆزنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى: «بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىدىغان سۆز بولۇپ، باش تۇتقا، تۈپ تۇتقىدۇر. نېمە ئۈچۈن پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى رەھبەرلىك ئورنى تەكىتلىنىدۇ؟ چۈنكى، پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ يۆنىلىشى، ئىستىقبالى، تەقدىرى، ئاخىرقى ھېسابتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك».

سىياسىي پارتىيەلەرنى سېلىشتۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ روشەن ئەۋزەللىك تېخىمۇ گەۋدىلەندى: «پارتىيەمىز ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشكە قەتئىي ئىرادە باغلاپ، ئۇلۇغۋار غايە بىلەن باسقۇچلۇق نىشاننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نىشان تىكلىگەن ھامان بەل قويۇۋەتمەيدىغان قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىكى سىياسىي پارتىيەلەر ئارىسىدىكى تالاش - تارتىش، پارتىيە - گۇرۇھلار بىر - بىرىگە يان بېسىش، سىياسەتنىڭ ئالدى - كەينى بىردەك بولماسلىق، ئەتىگەنكى بۇيرۇقنى كەچتە بىكار قىلىشتەك نۇقسانلاردىن تۈپتىن ھالقىپ كەتتى».

كېمىنىڭ ئونمىڭ چاقىرىملىق مۇساپىنى بېسىشى رولچىغا باغلىق.

«كۈرەش نىشانىغا قاراپ تەرتىپ بىلەن تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، سىياسەتنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ پاراخوتنىڭ نىشاننى بېكىتىپ، دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى دەل پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ بولغانلىقىدا» دېدى ئارمىيە سىستېمىسىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بەش جەھەتتىكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى تۇنجى قېتىم پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 20 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، باش شۇجى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا يەنە كۆپچىلىككە بىر - بىرلەپ تەھلىل قىلىپ بەردى −

«بۇ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش، شۇنداقلا قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش. دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەمدىكى نوپۇس ھەم يېتەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەمدىكى بازار بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، شۇنداقلا بىر قاتار قىيىن مەسىلە ۋە خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۆزىلا بىر چوڭ خىرىس. يەنە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەقسىمات، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، يەسلى قاتارلىق مەسىلىلەر بار، بۇ ھەربىر تۈرنى ھەل قىلىش ئاسان ئەمەس، بۇ ھەربىر تۈرگە چېتىشلىق كىشىلەر توپى ساناقسىز»؛

«بىز ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر يۈرۈش ئىدىيەۋى قاراش، تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى، سىياسەت - تەدبىرلەرنى شەكىللەندۈردۇق. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تورتنى ياخشى ياساش، چوڭ ياساش بىلەن بىللە، تورتنى يەنىمۇ ياخشى تەقسىملىشىمىز كېرەك»؛

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ھەم ماددىي بايلىق ئىنتايىن مول بولۇشى، ھەم مەنىۋى بايلىق ئىنتايىن مول بولۇشى كېرەك»؛

«تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەتكە ماسلىشىپ، تەبىئەتنى قوغداپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى»؛

«جۇڭخۇا مىللىتى غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى، خورلۇقىغا ئۇچراشتەك ئېچىنىشلىق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەچكە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كونا يولىدا مېڭىشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلىدۇ»؛

...

تارىخ بىلەن رېئاللىق بىرلەشتۈرۈلدى، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچى سېلىشتۇرۇلدى، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت ئىزاھلاندى، جانلىق، دەل جايىدا، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك بولدى.

كۇرسانتلار مۇنداق قارىدى: باش شۇجىنىڭ بايانى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىلمىي ئىچكى خاس مەزمۇنىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئېچىپ بەردى، بۇ، ھەم نەزەرىيە جەھەتتىن يىغىنچاقلاش، شۇنداقلا ئەمەلىيەتنىڭ تەلىپى بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچ ۋە ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىككە تولغان.

«چوڭنىڭ چوڭ بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بار، چوڭنىڭ يەنە چوڭ بولۇشتەك قىيىنچىلىقىمۇ بار. خۇددى باش شۇجى تەكىتلىگەندەك، دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇس كۆلىمى غايەت زور بولۇشتەك پاكىتقا دىيالېكتىكا نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. بۇ بىزدىن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلانغاندا، تەدبىر بەلگىلىگەندە، ئىش بېجىرگەندە چوقۇم كونكرېت دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشنى، ھەم قولدىن كەلمەيدىغان ئىشقا ئېسىلىۋالماسلىقنى، شۇنداقلا كونىلىققا ئېسىلىۋالماي، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، تەرتىپ بىلەن تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، سىجىل ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېدى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت.

زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئەندىزە مەۋجۇت ئەمەس، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىگە ماس كېلىۋېرىدىغان ئۆلچەممۇ يوق. جۇڭگونىڭ ئۆزگىچە تارىخىي مەدەنىيىتى، تارىخىي تەقدىرى، تارىخىي شارائىتى جۇڭگو خەلقىنىڭ جەزمەن ئۆزى تاللىغان يولدا زامانىۋىلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن.

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزگىچە دۇنيا قاراش، قىممەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيلىك قارىشى، دېموكراتىيە قارىشى، ئېكولوگىيە قارىشى قاتارلىقلار ھەم ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش ھېسابلىنىدۇ» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كۇرسانتلاردا كۈچلۈك ئورتاق سادا پەيدا قىلدى.

«غەرب دۆلەتلىرى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ باشلامچىسى بولغاچقا، كۆپىنچە ھالدا كىشىگە زامانىۋىلاشتۇرۇش دەل غەربلەشتۈرۈش، غەرب مەدەنىيلىكى زامانىۋى مەدەنىيلىك دېگەن خاتا تۇيغۇ بېرىدۇ.» ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ساھەسىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش «زامانىۋىلاشتۇرۇش = غەربلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت قۇرۇق خىيالنى بۇزۇپ تاشلىدى، بۇ، غەربنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىگە نىسبەتەن مۇھىم، زور ھالقىش.

ئالىيجانابلار ماختانمىسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.

5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخىي مەدەنىيلىكتىن ئوزۇق ئالغان، 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق كەڭ زېمىندا يىلتىز تارتقان، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملىگەن ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيلىككە، ئادەتتىن تاشقىرى زور نوپۇس كۆلىمىگە ئىگە بولغان شەرقتىكى چوڭ دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى جەزمەن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىر دەۋر بۆلگۈچ مۇھىم، زور ئىش بولۇپ قالىدۇ.

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش −

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نۇرغۇن جەھەتتىكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، روشەن ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ»

مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىش، مۈشكۈل، ئېغىر سىستېما قۇرۇلۇشىنى ئەزەلدىن ئاسانلا، داقا - دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلىش نەزەرىيەسىدىن مېتودولوگىيەگىچە توختىلىپ، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكا، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئۈنۈم ۋە ئادىللىق، ھاياتىي كۈچ ۋە تەرتىپ، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور مۇناسىۋەتلەرنى توغرا، ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك».

بۇ ئالتە جۈپ ئاچقۇچلۇق سۆز، دىيالېكتىكىغا تولغان بۇ ئالتە مۇھىم، زور مۇناسىۋەتكە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شىفىرى يوشۇرۇنغان −

ھەم «تۈزۈلگەن يىرىك پىلان ۋە سىياسەت سىستېمىسىنىڭ دەۋر خاراكتېرىنى نامايان قىلىش، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش، مول ئىجادچانلىققا ئىگە قىلىش كېرەك»، ھەم «ئەمەلىيەت داۋامىدا دادىل ئىزدىنىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، ھەرگىزمۇ كېمىگە بەلگە سېلىپ خەنجەر ئىزدەيدىغان، دەرەخ تۈۋىدە توشقان كۈتىدىغان ئىشنى قىلىشقا بولمايدۇ»؛

ھەم «ئىستراتېگىيەلىك ئالدىن كۆرەرلىك» «ئىستراتېگىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرى» «ئىستراتېگىيەنىڭ مۇقىملىقى»نى كۈچەيتىش، ھەم «جانلىق، ھەرىكەتچان بولۇش، ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ جانلىق ئىش كۆرۈش، دەرھال ھۆكۈم قىلىش» كېرەك؛

ھەم «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيىتى ۋە مەنبەسى، يىلتىزى ۋە روھىنى ياخشى ساقلاش»، ھەم «پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش» كېرەك؛

«ھەم كاپىتالىزمنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىش، ھەم جەمئىيەت ئادىللىقىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغداش كېرەك»؛

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا جانلىق ھەم رەتلىك، ئاكتىپ، تەرتىپلىك بولغان ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، ھەم ئۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ»؛

«دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك»؛

...

تاللاشنى قارار قىلىش پەيتىدە، تەڭپۇڭلۇقنى ئىگىلەش ئارىلىقىدا، بىرقاتار دۇنياۋى قىيىن مەسىلىلەر ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە جاسارەتنى سىنايدۇ.

كۇرسانتلار بىردەك مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالتە مۇھىم، زور مۇناسىۋەتنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، ھەم «دەريادىن ئۆتۈش» ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ھەم «كۆۋرۈك ۋە كېمە» مەسىلىسىنى يېتەكچىلىك قىلىپ ھەل قىلدى، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، تارىخىي تەپەككۇر، دىيالېكتىك تەپەككۇر، سىستېما تەپەككۇرى، ئىجادىي تەپەككۇر، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئىقتىدارىمىزنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، چىگىش ھەم مۇرەككەپ ئەمەلىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، تەجرىبە توپلاپ، قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

ھەرقانداق شەيئىنىڭ ياخشى - يامان تەرىپى بولىدۇ، پەقەت سىناپ كۆرگەندىلا بىلگىلى بولىدۇ؛ جاھاندىكى يوللار تەكشى ياكى ئېگىز - پەس بولىدۇ، بۇنى مېڭىپ باققاندىلا بىلگىلى بولىدۇ. داغدام يول دېگىنىمىز كەڭ تۈزلەڭلىك دېگەنلىك ئەمەس، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: تارىخ شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، كۈرەش ئارقىلىق خەۋپسىزلىكنى كۆزلىگەندە خەۋپسىزلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئاجىزلىق، يول قويۇش ئارقىلىق خەۋپسىزلىكنى كۆزلىگەندە خەۋپسىزلىك بەربات بولىدۇ؛ كۈرەش ئارقىلىق تەرەققىياتنى كۆزلىگەندە تەرەققىي قىلغىلى، گۈللەنگىلى بولىدۇ، ئاجىزلىق، يول قويۇش ئارقىلىق تەرەققىياتنى كۆزلىگەندە تەرەققىيات چېكىنىدۇ. بۇ، دەل بىزنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى جەزمەن ئەۋج ئالدۇرۇشنى قايتا - قايتا تەكىتلىشىمىزدىكى داۋلى.

«ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» جەزمەن ئاچقۇچلۇق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، ئاچقۇچلۇق نەتىجە يارىتىشى كېرەك.

باش شۇجى سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كاللىمىز ئالاھىدە سەگەك بولۇشى، باشتىن - ئاخىر كىرىچنى تارتىپ ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇشتەك ھالەتنى ساقلىشىمىز كېرەك، بىخۇدلۇق قىلىشقا، ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ غەم - ئەندىشىسىز يېتىشقا ھەرگىز بولمايدۇ» «يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلاردا ناھايىتى كۈچلۈك خەۋپ - خەتەرنى كۆزىتىش ئىقتىدارى، ئالدىن كۆرەرلىك قابىلىيىتى بولۇشى، يەنى ئوت - چۆپنىڭ يەلپۈنۈپ يوپۇرماقنىڭ شىلدىرلىشىدىن بۇغىنىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلىش، قارىغايلىقتا شامالنىڭ چىقىشىدىن يولۋاسنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىش، بىر يوپۇرماقنىڭ سارغايغانلىقىدىن جاھاندا كۈز بولغانلىقىنى بىلىشتەك قابىلىيىتى بولۇشى كېرەك» «كاللىمىزدا بىر پارچە ئومۇمىي كۆرۈنۈش خەرىتىسى بولۇشى، ئۇنى دائىم تەھلىل قىلىپ، تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ تۇرۇشىمىز، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرگە قارىتا ئىلمىي ئالدىن ھۆكۈم قىلىپ، جابدۇق ساندۇقىنى تولۇق تەييارلاپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى بېسىپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك».

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇھاكىمە كۇرسىدا ئوقۇش تاماملاندى. ھەرقايسى ساھەلەردىن كەلگەن ئون كۇرسانت ۋەكىلى ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىدا ئۆگىنىش تەسىراتىنى ھەمبەھرىلىدى.

«<قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ> دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشنى باشلاش يىلىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك» «ئاساسىي قاتلام كۈچىنى كۈچەپ ئۇرغۇتۇپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» «قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىش روھى ئارقىلىق بارلىق توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايمىز» «بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كونكرېت مەسىلىلەرنى كونكرېت تەھلىل قىلىپ، بىر تاياقتا ھەيدىمەي، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز» ...

تۆت كۈنلۈك ئۆگىنىش ئارقىلىق كۇرسانتلار مول ھاسىلاتقا ئېرىشىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى زالىنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، مەكتەپ قورۇسىدىكى «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» ۋە «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» دېگەن خەتلەر ئويۇلغان قورام تاشلاردىن ئۆتۈپ، ھەرقايسى جايلارغا قاراپ يول ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىغا قاراپ ئاتلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپىرىگە قەتئىي تەۋرەنمەي يۈرۈپ كەتتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت