شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىدا ئوقۇش تاماملاندى
يوللانغان ۋاقىت :2023-02-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

سەي چى ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسى 2 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئوقۇش تاماملىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى تېخىمۇ قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى تېخىمۇ قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قابىلىيەتنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا تارىخ، ئەمەلىيەت ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

مۇھاكىمە كۇرسى مەزگىلىدە، بارلىق كۇرسانتلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى، پىكىر ئالماشتۇردى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا بولغان ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى ئاشۇردى، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى. ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىدا، مۇھاكىمە كۇرسىدىكى ئون ۋەكىل سۆز قىلىپ، ئۆگىنىش ھاسىلاتلىرىنى دوكلات قىلدى، ئالماشتۇردى.

سەي چى مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەم ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە، شۇنداقلا بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، «ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش» تەلىپى بويىچە، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ماركسىزم نەزەرىيەسىدىن ئىبارەت بۇ كامالەتكە يەتكەن ماھارەتنى تىرىشىپ ياخشى ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆگىنىپ چىقىش، مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئۆگىنىپ چىقىش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ چىقىش كېرەك. جاسارەتلىك ـ ياراملىق بولۇش روھىي ھالىتى بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى «قۇرۇلۇش ئەترىتى باشلىقى» بولۇپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتى، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈگىتىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك.

شى تەيفېڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، چېن ۋېنچىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، چېن شى ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت