شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ ياڭراق بۇرغىسى چېلىندى
يوللانغان ۋاقىت :2023-02-08 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

■شىنجاڭ گېزىتى باش ماقالىسى

باھار كىرىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنى ھەم يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلدى، بۇلتۇرقى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى خۇلاسىلەندى، بۇ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر مۇھاكىمە ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇشنى تېزلىتىشىنىڭ ياڭراق بۇرغىسى چېلىندى.

دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا جەزمەن ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتكەندە ئاندىن دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن - ئاخىر «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، رولنى تۇتۇپ يول باشلاپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك بۇرچنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

شىنجاڭنىڭ بايلىق شارائىتى ئەۋزەل، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ خاسلىقى روشەن، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇش ئاساسى پۇختا، ئىستىقبالى پارلاق. بۇلتۇردىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرىپ، ئەۋزەللىكنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشتى. نەتىجىلەرنى كۆرۈش بىلەن بىللە، خىزمىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرگىمۇ توغرا قاراپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق نۇقتا قىلىپ، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، يوشۇرۇن كۈچ ۋە ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق قېزىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تەمىنلەش كاپالىتى كۈچلۈك، پەن - تېخنىكا جابدۇقلىرى كۈچلۈك، تىجارەت سىستېمىسى كۈچلۈك، كەسىپ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، رىقابەت ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.

يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇش ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى ھەم يېزا - كەنتلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ رېئال ئەھۋالى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئامىللار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ھازىرقى ۋە يىراق كەلگۈسى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ كۆزلىمە نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ يىللىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىز يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ۋە تېرىلغۇ يەر بايلىقىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پەن - تېخنىكا ۋە ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئىككى چاقنى تەڭ قوزغىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئۈمىدكە تولغان تۇپراقتا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايوننىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى تىرىشىپ سىزىپ چىقىشىمىز كېرەك.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتە ئاچقۇچ پارتىيەدە. پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى ئومۇميۈزلۈك بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى تارماقلىرى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرىدىغان يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتىن ئىبارەت ئېسىل ئىستىلنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

«يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش − دۆلەتنىڭ تۈپ تەدبىرى». بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، مەۋقەنى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، نىشاننى بېكىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۈردە شىنجاڭ كۈچىنى قوشايلى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت