شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شايار ناھىيەسى: تۇغقىنىم بىلەن شايارنى ساياھەت قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتى ھەققىدە ئورتاق توختالدۇق
يوللانغان ۋاقىت :2023-02-06 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

    1-ئاينىڭ 28-كۈنى، شايار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى «تۇغقىنىم بىلەن شايارنى ساياھەت قىلىمەن» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، كادىرلارنى ئۆزىنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى شايار ناھىيەسىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتى ھەققىدە ئورتاق توختالدى.

  شۇ كۈنى چۈشتە، كادىرلار تۇغقانلىرى بىلەن بىللە شايار ناھىيەسىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد سانائەت باغچە رايونىدىكى بىر قىسىم كارخانىلار، ئۆگەن دەرياسى ئېكولوگىيەلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، يەنچى . شايار زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تۇغقانلىرىغا شايار ناھىيەسىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ، ئەمگەك بىلەن بېيىشقا، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  پائالىيەتتە، كۆپچىلىك چۈشەندۈرگۈچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ھازىرقى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىپ، شايار ناھىيەسىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرنى ۋە ھازىرقى تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك، گۈزەللىكىنى بەس-بەستە ماختاشتى. ھەربىر جايغا بارغاندا كۆپچىلىك بەس-بەستە يان تېلېفونىنى ئېلىپ، بىر-بىرىنى سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرۇپ، گۈزەل پەيتلەرنى خاتىرىلەپ، بىر-بىرىگە بولغان ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

  پائالىيەت «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولايلى مەن تۇغقىنىم بىلەن شايارنى ساياھەت قىلىمەن»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلارغا ساياھەت جەريانىدا ئۆز ئەتراپىدا يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ گۈزەل شايار ناھىيەسى قۇرۇپ چىقىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. (شايار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى جاڭ خۇڭ)

مەنبە: شايار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت