شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​شىنجاڭنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-02-02 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ 2023 - يىللىق 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى​

شىنجاڭنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ 2023 - يىللىق 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەز سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنى، مەملىكەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 - يىللىق ئەرزىيەت خىزمىتى خۇلاسىلەندى، بۇ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن مىڭگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك؛ ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى مەنبەدىن تۈزەش بويىچە ئۈچ يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى، «مەملىكەت بويىچە ئەرزىيەت خىزمىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى» بەرپا قىلىش پائالىيىتى، «كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، كەڭ كۆلەمدە ئەرز قوبۇل قىلىش، كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك؛ بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھەل قىلىشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىدە يېڭى ئەندىزە بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ئەرزىيەت كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.


مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت