شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى
يوللانغان ۋاقىت :2023-01-30 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى​

مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش قاتارلىق ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى، 2023 - يىللىق باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھۆكۈمەتنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇقىم، ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئۇل خاراكتېرلىك مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىدراكىي، ئېچىۋېتىلگەن، زامانغا لايىق، زامانىۋى جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى راۋان، ساياھەت ئىستېمالى جانلىق، پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قولايلىق، بازار تەمىناتى يېتەرلىك بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىپ، باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام، ئىناق ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكىلەر ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دېگەن تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغان غەيرەت - شىجائەت ئارقىلىق ئوي - پىكرى ۋە زېھنىنى پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، خىزمەتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى كۆزلەشكە تېزدىن مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ بىر قىسىم مۇھىم خىزمەت، مۇھىم، زور تۈرلەر ۋە نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە قارىتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بالدۇر ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بەلگىلەنگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت