شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-01-30 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2023 - يىللىق باھار بايرىمىنى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ۋە بايلىق تېجەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

​ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2023 - يىللىق باھار بايرىمىنى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ۋە بايلىق تېجەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2023 - يىللىق باھار بايرىمىنى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە تىرىشىپ ئىشنى ياخشى باشلىشى، قەدەمنى ياخشى ئېلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى» ۋە مەملىكەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقچىل ھېسسىياتنى چىڭ ساقلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەركىزىي خىزمەتنى زىچ چۆرىدەپ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئەرزىيەت ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى مەنبەدىن تۈزەش، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھەل قىلىشنى دائىملاشتۇرۇش، ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتى، ئەرزىيەت كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ خاس كەسىپلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى سىجىل كېڭەيتىپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ تېخىمۇ باياشات، تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، يېزا - كەنتلەرنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بايلىق تېجەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايلىق تېجەشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق شارائىتى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، بايلىق ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇش، ئىلمىي تەقسىملەش، ئومۇميۈزلۈك تېجەش، ئايلانما پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇ، ئاشلىق، يەر، ئېنېرگىيە، سانائەت، بىناكارلىق قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە بايلىق تېجەشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، بايلىقلاردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تېجەشلىك بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت ۋە «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دىققەتنى پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خىزمەت ۋەزىيىتىنى يارىتىشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، جاسارەتلىك ۋە غايىلىك بولۇشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ ئومۇمي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەردە ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت