شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-01-18 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى​

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يېقىندا يىغىن ئاچتى، يىغىندا 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 2022 - يىللىق خىزمەت ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، 2023 - يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا 2022 - يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالىنى مەڭگۈ ياڭرىتىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق بولۇش تەدبىرى، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىدا تېخىمۇ زور ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ تۈرلۈك نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، نازارەت قىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەركىزىي خىزمەت، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىڭ كۆزلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نازارەت قىلىشنىڭ ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش؛ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان يۈكسەك ئاڭلىقلىقنى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىقنى نۇقتىلىق تۈزەپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش؛ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان چىرىكلىك مەسىلىلىرى ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزەپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى مۇساپىدە تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى سىجىل چىڭىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، دادىللىق بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان پولات قوشۇن بەرپا قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭدە باشتىن - ئاخىر ئاتاكىدا ئەڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، خىزمەتنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىشى ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت