شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپىلىرىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-01-18 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، ياڭ فاسېن، ئېلزات ئەخمەتجان ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالارنى يوقلىدى ھەم مۇزاكىرىگە قاتنىشىپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

جاڭ جۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: 2023 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، 13 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى باشلىنىدىغان يىل. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ سىياسىي پىرىنسىپقا باشتىن - ئاخىر ئەمەل قىلىپ، فۇنكسىيەلىك ئورۇننى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

تيەن شياڭلى تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، تەنتەربىيە ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قىزىق نۇقتا تېمىلىرى توغرىسىدا ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇردى، ھەم يۇقۇم مەزگىلىدە «قارشى يۆنىلىشتە يۈرگەن» تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسىدىكى ئەزالارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. تيەن شياڭلى مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى جارىي قىلدۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك يول، كۆپ خىل يول، دېموكراتىك ئۇسۇل ئارقىلىق كەڭ دائىرىدە كېڭىشىپ، كەڭ دائىرىدە سۆز قىلىش يوللىرىنى ئېچىپ، كەڭ دائىرىدە كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاپ، كەڭ دائىرىدە ياخشى تەدبىر سوراپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەدبىر ۋە خىزمىتىنى خەلق رايىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇشىنى، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىجرا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاڭ مىڭشەن ئالاھىدە تەكلىپلىك زاتلار ساھەسى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق «ئىككى يىغىن»، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەتنى ئۇرغۇتىدىغان، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بىر قېتىملىق يىغىن بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى. 2023 - يىلى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، قوللانما قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى تەلەپلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغداش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايەتكە زەربە بېرىش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇنچىللىق ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

ۋاڭ جيەنشىن مەدەنىيەت - سەنئەت ساھەسى، ئاخبارات - نەشرىيات ساھەسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ياشلار بىرلەشمىسى، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى، چياۋمىنلار بىرلەشمىسى، تاشقى دوستلۇق ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق، تەرەققىيات پىكىر يولى ئوچۇق، خىزمەتلەرنىڭ پىلانلىنىشى ئەمەلىي بوپتۇ. ئۆتكەن بەش يىلنى ۋە 2022 - يىلىنى ئەسلىسەك، ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى، بۇ ھەم بىز بېسىپ ئۆتكەن ئىنتايىن جاپالىق كۈرەش مۇساپىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، تەستە قولغا كەلگەن مۇھىم، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى. نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى كىشىلەر قەلبىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈش كېرەك.

ياڭ فاسېن يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ مۇزاكىرىدە قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا جەزمەن ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتكەندە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولىدۇ. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات قاتارلىق جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات ۋە پەن - تېخنىكىدىن ئىبارەت قوش چاقنى قوزغىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ دېھقان - چارۋىچىلارنى ئىسلاھات داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەردىن بەھرىلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىشكە پەن - تېخنىكا قانىتى قوشۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردە يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

ئېلزات ئەخمەتجان مائارىپ ساھەسى، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، پەن - تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ھەممىسى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ھەرقايسى ئەزالار مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش داۋامىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق ساھەنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قاتارلىق مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرگە قويۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، سالمىقى بار، قىممىتى بار تېخىمۇ كۆپ تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

(مۇخبىر فەن چيۇڭيەن، قاتناشقان مۇخبىرلار مېھرىگۈل غوپۇر، لى شىڭ، جاڭ جىلى، ۋاڭ جىڭجىڭ، ما يىنىڭ)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت