شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-01-18 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى) بىرتۇتاش قاراپ چىقىلدى، قاراپ چىقىش نەتىجىسى دوكلاتى ۋە قائىدىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 4 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى قائىدىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، تۈزىتىش پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئەستايىدىل رەتلەش، مۇھاكىمە قىلىپ قاراپ چىقىش ئارقىلىق، ۋەكىللەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىپ، قائىدىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىگە يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قائىدىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى دوكلاتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت